يىتىمنىڭ نالىسى - نادىر ئەسەر

يىتىمنىڭ نالىسى

 

 ئاپتۇرى ئېھسان(ئاۋات)

 

 تۇرار ئىدى دوقمۇشتا بىرى،

 خىجالەتتىن بارماقنى تاتلاپ.

 يىقىنلاشسام ئۇنىڭغا شۇئان،

 سۆزلەپ كەتتى ئانىسنى داتلاپ.

 

بىلىدىم ئۇ بىر تىرىك يىتىم ئىكەن،

 سەبى چاغدا ئانىسى ئاجراشقان.

شۇندىن بۇيان غىرىپ بۇپتۇ ئۇ،

 ئاتىسى ئىكەن يولدىن ئاداشقان .

 

  بالا يىغلاپ ئىسەدەپ تۇرۇپ،

 نۇرغۇنلىغان دەرت -پەريات ئۇردى.

<< باقالمىغان شۇ ئاتام نىمىشقا،

 ئانام بىلەن تۇرمۇشنى قۇردى.

 

 بۇندىن بۇرۇن ئاتام ھاراقكەش،

 ئۈتەر ئىدى كۈنلىرىمىز بەك تەس.

 ئانام بولسا ئوينار قاتار چاي،

مەن يۈرەتتىم دىلىم غەمكىن خەس.

 

ئاتام ئىچىپ ھاراقنى تويماي،

 دومباق قىلاتتى ئانام ۋە مىنى.

 ئانام قىلار كوچىلاردا كەچنى،

 ماڭا يوقتى ئىسىسىق چاي نېنى.

 

 بىر كۈن ئانام يىگىت تېپىپتۇ،

 شۇندىن بۇيان مەندىن تېنىپتۇ.

 ئاتام ئويناپ قىمارنى راسا،

 مىنى دوغا ئەرزان سېتىپتۇ.

 

 جەزىخودىن ئاران قۇتۇلۇپ،

 ھەم ئاقچىغا يەنە تۇتۇلۇپ.

 مۇشەققەتنى تالاي مىڭ چىكىپ،

 قېچىپ كەلدىم يەنە قۇتۇلۇپ.

 

 كەلسەم ئۆيگە،  ئۆيلەر شۇ پېتى،

ئاتام-ئانام ئويۇنلار ئويناپ.

 ئىزدەپ تاپتىم ئانامنى يەنە،

 يۇرەر ئىكەن ئۇسۇللار ئويناپ.

 

ئانا دىدىم كۆزگە ياش ئېلىپ،

 يۈر كىتەيلى ئىللىق ئۆيىمىزگە.

 ئاتامنىمۇ ھەم تېپىپ كىلەيلى،

غازاڭ چۈشمىسۇن تۇرمۇش سۇيىمىزگە.

 

ئانام دىدى: كەچۈرگىن بالام،

 ئاجىراشتىم مەن ئاشۇ ئاتاڭدىن.

بېىرىپ ئىزدە ئاشۇ ئاتاڭنى،

 ياتلاش ئەمدى مەندەك ئاناڭدىن.

 

ئىزدەپ بارسام ئاتامنى يەنە،

 تاپتىم ئۇنى قاۋاخانىدىن.

 دادا دىدىم تېتىردى قەلبىم ،

 ئۇ تۇيۇپتۇ ئۇشبۇ جانىدىن.

 

سۆزلەپ كەتتى ئاتام مەس پىتى،

 ئاناڭ تاشلاپ كەتتى مىنى دەپ.

 ئەمىدى يوقال كۆزۈمدىن سەنمۇ،

 بۇلالمايمىز ئەمدى بىزلەر ئەپ.

 

شۇڭا ماڭدىم تۇرمۇشلار تامان،

 تىنەپ يۈرۈپ كۇچا-كۇچىدا.

مانا يۈردۇم تىنەپ تەمتىرەپ

 بىر چاپان يوق دۇمبە-ئۇچىدا.»

 

ئېچىندىم مەن بالىغا قاراپ،

 لەنەت ئۇقۇپ ئاتا -ئانىغا.

 تۇرمۇش نىمە بىلمەي توي قىلىپ،

 ئۇۋال قىلىپتۇ ئاشۇ بالىغا.

 

 تىلەپ قالدىم ئىنساپ دىيانەت،

 ھەممە بىلگەي ئۆز ۋەزىپىسىنى.

 قۇرۇشتىن ئەۋۋەل كۆپرەك ئويلىنىپ،

 ئۇلار سىزغاي ئەندىزىسىنى.

 

 ئاخىرىدا تىلەي ئەي ئەزىز دوسلار،

 خار بولمىسۇن يىتىم بالىلار.

 تاپقانكەنمىز ئىگە بۇلايىلى ،

 ئاجراشماڭلار ئاتا-ئانىلار.

 

 2015/9/29كۈنى كەچ

بىر يتىمنىڭ ھەسرىتى ھەممە تۇرمۇشلۇق بولغا∵نلار ئويلاپ بېقىڭلار !

 ئاپتۇر ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !





185 قېتىم كۆرۈلدى ihsan571633 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-30 9:29:36  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ