دىھقانلار
ئالىم سەھراي
دۇنيادا ھەممىدىن جاپاكەش دىھقان ،
ئەلەملەر ئىچىگە يۇتقانمۇ دىھقان .
جاپاكەش، مىھنەتكەش بولغاچقا دىھقان ،
ئاتالدى شۇڭلاشقا نامى ئۇلۇغ دىھقان .
ھالاللاپ تەر تۆكۈپ يىگەنمۇ دىھقان ،
باينى ھەم گاداينى كۈلدۈرگەن دىھقان .
بوراندا جۇدۇندا قالغانمۇ دىھقان ،
چەكسىمۇ جاپالار ۋايسىمغان دىھقان .
قاقاسنى بوستان قىلغانمۇ دىھقان ،
يەۋەتقان نىنىڭنى بەرگەنمۇ دىھقان .
سىنىڭ ھەم مىنىڭمۇ ئەچدادىم دىھقان ،
شۇڭا بىل كادىرنىڭ نەسلىمۇ دىھقان .
نامىڭدۇر يەنىلا شەرەپلىك دىھقان ،
ئىنسانلا قەلبىدە چاقنىغان دىھقان .
تارىختىن تارىخقا ئۆچمەيسەن دىھقان ،
قىممىتىڭ بىباھا ئالتۇن سەن دىھقان.
| 96 قېتىم كۆرۈلدى | ئالىم | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-2-18 1:41:28 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|