تۇتقۇننىڭ نىداسى 2
ئابدۇقەييۇمجان ( ئەختەر )
(كۈتۈشتىكى نىدا )
مەن ئازاپلىرىڭغا تۇتقۇن . بىلەمسەن جىنىم ، سەن كەتكەن شۇ مىنۇتتىن باشلاپ مەن ئازاپنىڭ ئاداققىي مەھبۇسىغا ئايلاندىم . ئازاپنىڭ سىغىنىشتىن ئىبىرەت ھىجران ئازابى يۈرۈگۈمنى لەختە - لەختە قىلۋەتتى ، ئۇنىڭ قىيناشلىدا قەددىم پۈكلەندى كۆزۈم ئەمەس ، يۈرۈگۈم ياشلاندى ، ياق ، يۈرۈگۈمدىن ياش ئەمەس قان تامچىلاشقا باشلىدى ، چۈنكى يۈرەك يەنە بىر تەرىپىدىن ئايرىلدى ئەمەسمۇ !
بىلەمسەن جىنىم ، مەن كۈتۈشنىڭ ھىسلىرىغا تۇتقۇن . گەرچە بۇ بىرقانچە كۈنلۈك كۈتۈش بولسىمۇ ئۇنىڭ ئازابىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقى ، قانچىلىك قىنىلىشلار ئىچىدە باشلانغانلىقىنى بىر تەڭرى ۋە بىر مەنلا بىلىمەن . بۇنداق دىسەم قىينىلۋاتقان پەقەت سەن بىرلىمۇ ؟ دىيىشىڭ مومكىن ، ئەلۋەتتە سەنمۇ قىينىلىۋاتىسەن ، بىلىپ تۇرۇپتىمەن ساڭا ماڭا يۈزلەنگىنىدىنمۇ نەچە ھەسسە ئىغىر ئازاپ ئىسكەنجىسىنى ئىچىپ تۇرۇپتۇ ، شۇ قىينىلىشلار ئىچىدە قانچىلىك ئازاپلانغىنىڭنى ھىس قىلۋاتىمەن جىنىم ، لېكىن ئادەم دىگەن شۇنداق شەخسىيەتچى بولسا كىرەك ھەر قانداق ئىشتا ئۆزىنى مەركەز قىلىدىكەن .
بىلەمسەن جىنىم ، مەن تەنھا قەدەملەرگە تۇتقۇن . سەن بارىڭدا جۈپ بوپ ماڭغان قەدەملىرىم مانا بۈگۈن ئايرىلىشنىڭ ساماۋىي قۇدۇرتى بىلەن يىتىملىكىنى نامايەن قىلدى . كىتىۋاتىمەن ، شۇ جۈپ قەدەملىرىمىز ماڭغان يوللاردا ، ئەپسۇس مەن يالغۇز ، سەن بارىڭدا شۇنچە چىرايلىق ، شۇنچە قىسقا بىلىنگەن يوللار بۈگۈن باشقىچە ، خۇددى مەندەك بىر تەنھا ، يىتىم قەدەملەرنىڭ قولدارلىقىدا كىتىۋاتقان زەئىپ تەننى كۆزگە ئىلمىغاندەك قاراشلىرى چۇ تىخى ھەييات !!!
بىلەمسەن جىنىم ، مەن ئىزگۈلىرىڭگە تۇتقۇن . جىنىم ،بۈگۈن بىكار بوپ قالغان ئىكەنمەن ئىككىمىز دائىم بارىدىغان باغچىغا كەلدىم ، سەن بارىڭدا قىشنىڭ شىۋىرغانلىرىدا بولسىمۇ شۇنچە ئىللىق گۈزەل كۆرىنىدىغان بۇ باغچا بۈگۈن شۇنچە يىشىل بوپ كەتكەن بولسىمۇ قاراشقا پىتىنالمىدىم . ھاۋا ئىللىق بولسىمۇ تەنھالىقنىڭ شىۋىرغانلىرى جان - جەھلىمدىن ئۆتۈپ قەتتى ، تىنىم ، ياق ، يۈرۈگۈم جاقىلداپ تىتىرمەكتە ، بۈگۈن تۈنجى كۈنى ، تەنھالىقنىڭ ئازابى يۈرۈگۈمنى قىينىماقتا .
بىلەمسەن جىنىم ، مەن تىنىقلىرىڭغا تۇتقۇن . جىنىم ، شۇ باغچىدا كىتىپ بارىمەن ، كۆزۈمنى يۈمۈشۇمغا بۇرنىمغا سىنىڭ تىنىقلىرىڭ ئۇرۇلىشقا باشلىدى . شۇ مىھىرلىك تىنىقلىرىڭدىن قەلبىم ئىللىماقتا ھۇجۇدۇم لەرزىگە كەلمەكتە ، خىيال ئەينىكىمدە شۇ ئىزگۈ دەملەر زاھىر بولماقتا .
بىلەمسەن جىنىم ، مەن كۆز ياشلىرىمغا تۇتقۇن . جىنىم سىنى ئۇزۇتۇپ قايتقىنىمدا كۆز ياشلىرىمنىڭ قانچىلىك ئاققىنى ئىسىمدە يوق ، شۇ ياشلىرىمغا تىنىمنى تۇتقۇن قىلىپ ھازىرغىچە يۈرۋاتىمەن ، تىشىمدا كۈلۋاتقىنىم بىلەن ، يۈرۈگۈمنىڭ يىغلاۋاتقىنىنى ھىچ كىشى ئۇقمايدۇ .
بىلەمسەن جىنىم ، مەن تۇتقۇنغا تۇتقۇن . بۇ قىتىمغۇ نەچچە كۈنلۈك تۇتقۇن بولارمەن ، لېكىن ئالدىمىزدىكى شۇ تەنھا كۈتۈشلەرگە مەھكۇم بولىدىغان تۇتقۇنلۇق ھاياتىمىزنى ئويلىسىام يۈرەك ياشلىرىم مارجان كەبىي تۆكۈلۈشكە باشلايدۇ !!!!
( بۇنەسىرىمنى پاك مۇھاببەت ساھىپلىرىغا بىغىشلايمەن )
ئاپتۇرى : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى ( ئەختەر )
ئۈندىدار : 2041420589
2017- يىلى 4- ئاينىڭ 28- كۈنى ، ئۈرۈمچى
| 28 قېتىم كۆرۈلدى | AHTAR | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-28 14:16:05 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|