نىمىشقا؟
ھەسەنجان ئارىپ
ياشاۋېتىپ دۇنيادا چۈشەنمەستىن سىرلارنى،
ئويلاۋېتىپ تۇيۇقسىز ھەيران قالدىم بىر ئشقا.
ئەقىل تۇرۇپ بىزلەردە كۆرەلمەستىن بىرلەرنى،
چېقىپ، پۇتلاپ، يىقىتىپ ئۆتمەكتىمىز نىمىشقا؟
ئەقىل ،ۋىجدان، ئنساپنى توغرا يولدا ئشلەتسەك،
نادانلىقتىن خوشلاشساق چاپساق بىلىم ئېلىشقا .
يىتىم قالسا شۇملۇقلار، خۇشال بولساق، كۈلۈشسەك ،
ئاقساپ ماڭغان پەسكەشلىك توختاپ قالماس نىمىشقا؟
ياشلىقىڭدا ئۆگەنگەن تاشقا باسقان مۆھۆردۇر ،
قەدىرلىگىن ياشلىقنى پۇرسەت يوقتۇر يېنىشقا.
بىلىم بىلەن كۆكلىسەڭ قەلبىڭ گويا گۆھەردۇر،
كۆزۈڭ تۇرۇپ ھەقلىقنى كۆرەلمەيسەن نىمىشقا؟
پۇشايمانغا داۋا يوق، ئازاپلانما بولدى بەس!
نىمە سەۋەپ بىلەمسەن؟مۇشۇ كۈنگە قېلىشقا.
نادانلىقتا ئازدىڭ سەن ، ئاداشتۇردى كۆڭلى پەس،
ئادەم تۇرۇپ ئەقلىڭنى يەنە تاپالمايسەن نىمىشقا؟
بىلگەنسىرى - بىلدىممەن - بىلمەيدىغانلىقىمنى،
باھانەم يوق بۇ يولدا پەقەت چارچاپ-ھېرىشقا .
يوق بولغاچقا خار بولدۇق، بىزدە بىلىم -خەزىنە،
شۇنداق تۇرۇپ ئۇيقۇدىن ئويغانمايمىز نىمىشقا؟
2016-يىل2-ئاينىڭ7-كۈنى يەكشەنبە
ھەسەنجان ئارىپ
ئۈندىدار:13399979758 (ئاۋات -يېڭرىق يېزىسىدىن)
170 قېتىم كۆرۈلدى | ھەسەنجان ئارىپ | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-2-7 18:05:10 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|