غەزەللەر - ئەكبەر ئىدرىس ئەرچىن

  غەزەللەر  
ئاپتورى  ئەكبەر ئىدرىس ئەرچىن

باغقا قەدەملەر باسمىسام يۈرمىسەم رەيھان بىلەن،
ئاڭلىماي دىل سۆزۈمنى تىلغىدىڭ غەليان بىلەن .

مەن ساڭا كۈيلەر يىزىپ يۈرگەچ دىلدىن گۈل تىزىپ،
سەن مىنى ئەتكەن باغاش مىسالى چىن ئارمان بىلەن .

دەريالىرىڭ دولقۇنلىسا باغرىڭغا شۇڭغۇپ كىرىپ ،
قاينىتىپ يۈرگەن ئىدىم ئىشقىڭنى گۈلخان بىلەن

سورىساڭ دەرياچە سۆيگۈ چاڭقىغان دەشتىڭگە يار،
قاندۇرغان ئىدىم چۆلۈڭنى بىپايان ئوكيان بىلەن .

لەۋلىرىڭ غۇنچىلسا ھاياجانلىق روھ ئويغۇتۇپ ،
بوي تالاشقان ئىدىم زىمىندا تاغ پەلەك ئاسمان بىلەن .

ئازاپلار باش كۆتۈرسە بىخلىنىپ تۈنلەر ئارا ،
چەيلىگەن ئىدىڭ قەھېرلىك ساداقەت جەۋلان بىلەن.

خىيالغا قالسا پىتىپ بىغىمنىڭ مەيۈس گۈللىرى ،
ياشناتقان ئىدىڭ سېرغىپ چۈشۈپ مۇڭ خەندان بىلەن .

كۆزلىرىڭ ئىچرە ياتۇر سۆيگۈنىڭ ھېكمەتلىرى،
تاپ ئۆزۈڭ دەپ قاچقان ئىدىڭ قول تۇتۇشۇپ پىنھان بىلەن.

چىن ئاشىق ئىچمەس قەسەم بىلسەڭ غىربمۇ ئەي سەنەم ،
يىزىپ چىققاي ھەقىقەتنى مۇھەببەتلىك داستان بىلەن .

يىنىمدا تەنھا ئۆزۈم قالدىم ئەكبەرنى قۇچاقلاپ ،
تىركىشىپ تۇرارىمەن جاھالەت زىندان بىلەن .

سەن مىنى قىلغان ئاشىق ئۆزۈڭگە تالىق قىلغان ،
تاشلاپ كەتسەڭ خۇش بولامسەن قالدۇرۇپ ھىجران بىلەن

ئازمىغىن گۈلۈم بىركۈن ھەقنى كۆرۈپ يىتىسەن،
يۈرمىگىن بىللە نىقاپلىق ئېزىتقۇ شەيتان بىلەن  .

كەل گۈلۈم بىللە قىلايلى ۋاپا گۈلشىنىدە بىز سەيلە،
كەل مىنى قىلغىن ئازاد كىشەندىن پەرمان بىلەن .

ئاخىرلىشۇر بارچە ئەلەم قۇچىقىڭدا كۈلگەندە مەن ،
تامام ئەيلىمە بۇ چىن سۆيگۈمنى ۋەيران بىلەن .....

2016.8.28   يەكەن
     





314 قېتىم كۆرۈلدى arqen ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-11 2:14:15  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-9-17 0:38:41 008ئابدۇرېھىم
ياخشى يېزلىپتۇ
2016-9-17 0:07:34 huryatgul
bakla yahxi yiziliptu bak yahturdum.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ