گۈلۈمگە خەت
ئەكبەر ئىدرىس ئەرچىن
ئاھ ، كىتىشىڭنى بىلىپ تۇرساممۇ ،
بارالمىدىم گۈلۈم يىنىڭغا .
سىغىنىشنىڭ چىكىگە يەتسەڭ ،
بولالمىدىم مەلھەم دىلىڭغا .
زىنھار ساڭا قىيمايدۇ كۆزۈم ،
دىيەلمەيمەن ساڭا خوش گۈلۈم .
تىنىقىمنى ئەتسەڭ سەن داۋام ،
قورقۇتماقتا مىنى ئاھ ، ئۆلۈم .
ئۆتمەكتە كۈن ئايلارنى قوغلاپ ،
مەن ناتونۇش سوغۇق شەھەردە .
گەر كۈلسىمۇ كۆزۈمدە ھىجران ،
ئۈمۈدلۈكمەن ھەر بىر سەھەردە .
كىرپىكىڭدىن ھەسرەتلەرگە ئوق ئاتقىن ،
تەلۋىلىكىم باردۇر سىنىڭ قىنىڭدا .
ئەگمەي ياشا ھىجرانلارغا قەددىڭنى ،
چىچەك ئاچسۇن قەيسەرلىكىم جىنىڭدا .
ۋىسال ئۈچۈن ياشاپ كەلدۇق تالاي كۈن ،
ئاز كۈنگىمۇ بىرەلەيمىز ھەم بەرداش .
ئىشەن شۇ كۈن بىزگىمۇ تاڭ ئاتىدۇ ،
قۇتلۇقلايدۇ تويىمىزنى زەر قۇياش …
R گۈلچىنگە بىغىشلايمەن
2016.يىلى 8.دىكابىر كۈيتۈن
| 43 قېتىم كۆرۈلدى | arqen | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-8 23:16:07 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|