ئەپيۈنگۈل
(سەۋدا)
ماڭا ھەۋەس قىلىسەن،
گۈللىرىم چىرايلىق،
خۇشپۇراق،
لېكىن ئالدانما سەن ئۇنىڭغا،
غوزىكىم زەھەردۇر زەھەر.
يىراقتىن قاراپلا مەپتۇن بولما،
ئۈزۈشكە ئالدىرىما ،
بىلمەيسەن مېنى ،
تېشىم بىلەن ئىچىم ئوخشىماس،
ئەپيۈنگۈلى مەن.
سېنى مەپتۇن قىلىپ ،
سېنى خۇمار قىلىپ ،
جېنىڭنى ئالىمەن.
نېرى تۇر مەندىن،
ھەزەر قىل ،
تۇتما مېنى .
چۈنكى،
سەن ماڭا خۇمار بولۇشقا چىدىمايسەن،
جان ئالدىغىنىم راست،
مەندىن ئالغان ھۇزۇرنىڭ بەدىلى ئۇ.
ئادىل بۇ جاھان،
مەن ئۆزۈمنى تۈگەشتۈرۈپ سېنى خۇش قىلىمەن،
سەن خۇشاللىق ئۈچۈن ئۆلىسەن.
مەن خەتەرلىكمەن،زەھەرمەن.
مەن گۈل ئەسلى ،
مېنى گۈل ئورنىدا كۆرمىگەچ زەھەر بولدۇم.
ماڭا يېقىن يولىما ئاشىق بولمىساڭ،
پايداڭ ئۈچۈن ئەمەس،
سۆيگۈڭ ئۈچۈن بولمىغىچە.
87 قېتىم كۆرۈلدى | sawda0903 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-31 0:09:05 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|