گۇناھ ئۆزەمدە (شېئىر) - مىرزەكىم مىرغىياس

گۇناھ ئۆزەمدە (شېئىر) 

 مىرزەكىم مىرغىياس


كۆيمىگەننىڭ پىراقىدا كۈل بولۇپ،
گۈلخان كەبى يالقۇنلىغان ئوت بولۇپ.
بىۋاپاغا پەرھات كەبى جۆر بولۇپ،
بۇ كۆڭۈلنى بەرگەن گۇناھ ئۆزۈمدە.

جاننى ئالار بىۋاپانىڭ كۈلكىسى،
ئەسلى ئىكەن گۈزەللەرنىڭ ھىيلىسى.
بۇلار شۇنداق ئادىمىزات تۈلكىسى،
نە قىلارمەن بارچە گۇناھ ئۆزۈمدە.

كۆيدى جىسم داغدا قالدى يۈرەكلەر،
بەربات بولدى شېرىن ئارزۇ تىلەكلەر.
غازاڭ بولدى ياشلىقىمدىن پورەكلەر،
ۋاپاسىزنى سۆيگەن گۇناھ ئۆزۈمدە.

2017-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى

 ئۈنىدار wisal225226
     





486 قېتىم كۆرۈلدى مىرزەكىم مىرغىياس ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-21 23:33:34  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-2-23 4:40:16 ت تەلكى
ئېسىل
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ