شامالغا ئىلتىجا( ئېقىن)

شامالغا ئىلتىجا

 

ئەزىز ئەركىن《ئېقىن》

 

 يىنىمدىن ئوتۇپ قالدىڭ شامال كەبى،

 سۆيۇپ قويدۇڭ لەۋلىرىمگە ئىز قالدۇرۇپ.

ئەجەپ بىر ئوت تۇتاشى بىلىپ بىلمەي،

قاراپ قويۇپ يۇرەككە ئۆت سەپ قويۇپ.

 

خالى ئىدىم ساقتا ھايات كۈلكىدىن،

ئوتكەن ئىدىم بۇ ھاياتتا گۇل تىرىپ.

ھارارەت بەر دىسەم ئوتلۇق يۇرەككە ،

 تەقدىر كۈلەر ئەمدى ئاچچىق ھىجىيىپ .

 

نىمە كۈن بۇ ؟ياش ئوتتۇزغا بارغاندا،

 ھىس قىلىدىم ئۆزۇمنى بىر ئىدىش شاراپ.

 مەس بولدۇم شاماللار ئويناتسا چاچنى ،

 دىمىدىم ھىچكىمگە ھالىم بەك خاراپ.

 

 قورۇقتۇم چۈچۈدۇم ئويغاندىم ئاستا،

 ئىيتىمەن ھاتتاكى چۇشۇمدە ناخشا.

 ئىيقىنا ئوتۇنەي سۆيۇپ بىر ئومۇر،

بولامسەن ئەي شامال مەڭگۇلۇك ئاشنا.

 

 پوسكام 2016/01/03 5∶30





128 قېتىم كۆرۈلدى ئەزىز ئەركىن ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-14 11:31:54  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ