دىلدارىڭ بۇلاي
دىلدارىڭ بۇلاي
 
سۆيمەن دەيدۇ ھەركىم سۆيۈش ھەر-خىلدۇر،
ئىشەنچ،ئەقىدە چىن ئىتىقاد بولسىلا.
ئىخلاس بىلەنلا شۇنداق سۆيسەڭ ۋەتەندۇر،
مىھرىڭ سۆيگەنلەرنى ھەم سۆيگەن بولسىلا.

مەن خىتاپ قىلاي شۇنداق دىلدار بۇلاي دەپ،
قەلبىمگە ۋەتەننى ھەم نەقىش قىلاي دەپ.
تەبەسسۇم ئىلكىدە ھەم كۈلسە چىرايىڭ،
گۈلخان كەبى ئىشقىڭدا شۇنداق ياناي دەپ.

ھەرقاچان يەنە شۇ ئۇتۇڭدا يۈرەي دەپ، 
مىھرىڭدىن كۈچ ئىلىپ ھەم مەلھەم بۇلاي دەپ.
دايىما ئىچىلسۇن ھەم گۈللىرىڭ شۇنداق،
مەن پۇراي دايىما گۈلۈم قولۇمدا دەپ.

سۆيىمەن دەيدۇ ھەركىم ئۆز گۈلىنى ھەم،
ۋەتەن بىر گۈلدۇركى پۇراپ قانمايمەن ھەم.
سۆيمەن دايىما شۇنداق ئەقىدەم بۇ دەپ ،
مىھرىڭ ئۆچمىسۇنكى ھەم قوياشىڭ مەن دەپ.

سۆيىمەن شۇنداق سېنى قوشۇپ ۋەتەننى،
سۆيگۈنىممۇ شۇنداق ۋەتەن ئىچىدە دەپ.
تاشلىمايمەن سىللەرنى مەڭگۈ ئەبەت دەپ،
پەخرىم سىللەر مېنىڭ مەڭگۈ قەلبىمدە دەپ.
 
ــــ شىپائى 2015-يىلى 17-دىكابىر




220 قېتىم كۆرۈلدى abduraxit ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-17 23:25:22  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ