تاش پۈتۈك (شېئىر) - خەنجەرى

تاش پۈتۈك

خەنجەرى

يۈرۈگۈم پىچاقنى ئىككى قىلىدۇ،
قەلبىم قىشنى توڭلىتىدۇ،
يېشىم يامغۇرنى ھۆل قىلىپ،
قىسمىتىم سائەتنى ئۇخلىتىدۇ...
تەسەللىرىڭنى نېرى ئاپار.
مەندىن يىراق تۇر،
مىنى قۇچاقلىساڭ ئۈلىسەن،
ماڭا سۈركەلسەڭ كۈيىسەن،
ياستۇقنى پۇشايمان قىلدىم،
ئازاپنى يېپىنچا قىلدىم،
ئاستىمغا نەپرەتنى بېسىۋالدىم،
نىمىسىنى دەي؟
كۈزۈمدىن باشلاپ ساڭا كىرىپ كەتتىم...
ياق ياق
مەندىن يىراققا كەت،
ئەسكى تاملىققا كەت،
يالغۇز جىگدىلىككە كەت،
تاشلاندۇق تۈگمەنگە كەت،
كەت، كەت ،كەت!!!
سەن تاياققا ئايلانغاندا،
مەن تاشقا ئايلىنىمەن
ئىككىمىز ئىككى تەكشىلىكتە بىز
مەڭگۈ كىسىشمەيمىز
خوش دەي
سەن كەتمىسەڭ مەن كىتەي
خوشلاشقىلى
ئاشۇ تاشلىققا
ياتلاشقىلى
تاشلاشقىلى
داتلاشقىلى.....


2017.2.10
ئاقسۇ
     





71 قېتىم كۆرۈلدى margimux ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-13 23:20:05  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ