پۇشايمان
غولامجان
ئاتا-ئانا نە قېرىنداش قەدىرىنى بىلمەي،
غەپلەپتە ياشلىقىم كېتىپ بوپتىكەن .
پۇشايمانداياش تۆكۈپ باقسام كەينمگە،
جۇدۇنلارئىزىمنى كۆمۈپ بوپتىكەن.
دۈشمىنىم چوڭ بىلسەدوستۇم دەپتىمەن ،
شاراپنى زەم -زەم دەپ ئىچىپ ساپتىمەن.
مەس ئىكەن يۈرۈگۈم شۇ ئويۇنلاردىن،
ئويلانماي بىرقەدەم بېسىپ ساپتىمەن .
ئارزۇلارئەمەلگە ئاشماي تۇرۇپلا،
ياشلىقىم بىھۇدە كېتىپ بوپتىكەن.
نە ساۋاپ نە گۇنا بىلمەي تۇرۇپلا ،
گۇناھىم ھەقدارغا يېېتىپ بوپتىكەن.
تىلەكىم ئاللاھىم بەرسەكۈچ قۇۋەت،
ھاياتىم شۈكۈردەئۆتسە بوپتىكەن .
ئازاپلار قەلبىمدە گۈلخان ئەتسىمۇ ،
ياخشى نام قالدۇرۇپ كەتسەم بوپتىكەن .
| 161 قېتىم كۆرۈلدى | غولامجان | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-8-28 10:05:02 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|