پۇل ۋە ئىنسان

پۇل ۋە ئىنسان

 

رەببىمىز ھەممىنى تەڭپۇڭ ياراتتى،

 ۋەلېكىن تەڭ ئەمەس بەندە كۆزىدە.

 مال_دۇنيا ئېگىز_پەس قىلدى جاھاننى،

ئىنسانلار پۇل ئۈچۈن تۇرماس سۆزىدە.

 

 رەببىمىز ئىنساننى مۆمىن ياراتقان،

 مال دۇنيا ئۆزگەرتتى ئىنسان ئەسلىنى.

پۇل ئۈچۈن ھەممىدىن يانماس بەزىلەر،

 ئەمەلدار بولغاندا ئۇنتار نەسلىنى.

 

 بەزىلەر پۇل ئۈچۈن ئىپپەتنى ساتتى،

قەبىھلەر نارسىدە باللارنى ساتتى.

 ئىنسانلىق يولىدىن چىققان ئىپلاسلار،

قەۋمىنى يۇرتىنى ۋىجداننى ساتتى.

 

 پۇللىرى كۆپىيىپ مېھىر سۇسلاشتى،

 پۇلدارلار ئەمەلدار بىلەن دوستلاشتى.

 بىر تۇغقان قېرىنداش ئاكا_ئىنىلەر،

 مىراسنى تالىشىپ ھەتتا سوتلاشتى.

 

 ئاتا_ئانىلار نىيىتى بۇزىلىپ،

 پەرزەنتى بەختىنى پۇل دەپ ئويلىشىپ.

 ئاخىرى ئۆيلىمەك بولدى پەزەنتنى،

 مال_دۇنيا نام_ئابروي دەپ قۇدىلىشىپ.

 

نىجىس پۇل قانچىلىك ئىپلاس سەن شەيتان،

 ئىنسانلار قەلبىدە بولدۇڭغۇ داستان،

 قانچىلىك مېھرىڭ بار مۇھەببەتىڭ بار،

دەرغەزەپ بولدىغۇ زېمىن ۋە ئاسمان.

 

 جۈرئەتجان نىزام(سەۋىر)





339 قېتىم كۆرۈلدى 1366914514 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-26 3:02:16  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-9-5 1:26:34 mawlida
Bak yahxi timila buptu
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ