قوغدايمەن (شېئىر) - مەمەتجان سەمەت

قوغدايمەن
مەمەتجان سەمەت


مەن بىر ئەسكەر باتۇر قورقماس، 

ۋەتىنىمنى چوقۇم قوغدايمەن.
تىز پۈكمەيمەن ياۋنىڭ ئالدىدا،
ۋەتىنىمنى چوقۇم قوغدايمەن.

بەش يولتۇزلۇق بايراققا قاراپ،
بەرگەن ئاشۇ ۋەدەمنى ساقلاپ.
تا ئۆلگۈچە ھەربېيدەك ياشاپ،
ۋەتىنىمنى چوقۇم قوغدايمەن.

ۋەتەن دېمەك ئانا دېمەكتۇر،
شۇڭا ئۇنى قوغداش كېرەكتۇر.
قۇربان بولسام مەيلى شەرەپتۇر،
ۋەتىنىمنى چوقۇم قوغدايمەن.

ياۋنىڭ ئوقى كېلىپ تەگسىمۇ،
بۇ بېشىمنى قېلىچ كەسسىمۇ.
قېنىم ئېقىپ تۈگەپ كەتسىمۇ،
ۋەتىنىمنى چوقۇم قوغدايمەن.

چوڭ بولدۇممەن ئىللىق قوينىدا،
گۈزەل شىنجاڭ تارىم بويىدا.
شۇڭا قۇرال ئېلىپ قولۇمغا،
ۋەتىنىمنى چوقۇم قوغدايمەن.

ئاپتورى : مەمەتجان سەمەت
ئۈندىدار : چ چ . 308381500
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ نامسىز قىلماڭ
     





342 قېتىم كۆرۈلدى مەمەتجان سەمەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-26 19:52:00  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-2-28 7:36:50 amangul
bak yahxi yizipsiz koz tagmisun bizmu xu niyatta kirindixim👮😊😊
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ