توپا باسقان كىتاپ
ئاپتورى : ئابدۇللا ئابدۇلمەجىد ئۇچقۇن
***
ئەسلى ئۇيغۇر ئىدىغۇ كىتاپخۇمار بىر مىللەت ،
ئەمدىلىكتە بولۇپتۇ كىتاپخانا بەك خىلۋەت .
نەدىن يۇقتى خەلقىمگە كىتاپقا ئۆچ بۇ ئىللەت ،
كىتاپلىرمىز ئۈستىگە توپا چاڭلار قونۇپتۇ .
***
قول قوللاردا يان تېلفۇن كىتاپخانا قۇپ قۇرۇق ،
ئاقىللارمۇ پەرۋاسىز ئاڭا بەرمەس يوليورۇق ،
تېلفۇنلارنىڭ نۇرىدا قارا يۈزلەر بولۇپ يورۇق ،
كىتاپلىرىمىز ئۈستىگە توپا چاڭلار قونۇپتۇ .
***
بىرلا ئاپتۇ جاھاننى تېلفۇننىڭ ئەڭ نوچىسى ،
كىشلەرگە بەك يېقىن ئەيىش-ئىشىرەت كوچسى.
كىتاپخۇمار دوسلۇرۇم بوپتۇ زامان كونىسى ،
كىتاپلىرىمىز ئۈستىگە توپا چاڭلار قونۇپتۇ .
***
كىشلەر بوپتۇ تېلۋىزور كىنولارغا مەستانە ،
ئىچىم ئاغرىپ بۇلارغا بولۇپ قالدىم ھەيرانە .
كىتاپ ئالماي قولىغا ئەجەپ بوپتۇ ۋەيرانە ،
كىتاپلىرمىز ئۈستىگە توپا چاڭلار قونۇپتۇ .
***
كىتاپخانا ئوخشاپتۇ ئادەمسىز بىر مازارغا ،
بەزمىخانا ئايلىنىپ ھەممە كېلەر بازارغا .
ئاتلىنىپتۇھەممىسى پۇل مال دۇنيا قازارغا،
كىتاپلىرمىز ئۈستىگە توپا چاڭلار قونۇپتۇ .
***
كىتاپخۇمار دوسلۇرۇم كەپتۇ قاخشاپ يېنىمغا ،
مەتۇ دەيدۇ خەق بىزنى چىدىمىدۇق بۇنىڭغا ،
نېمىشقىكىن دەپتىمەن دەپتۇ كىتاپ ئوقىغانغا ،
كىتاپلىرمىز ئۈستىگە توپا چاڭلار قونۇپتۇ .
***
سەبىرلەرنى تىلىدىم ئۇشبۇ دوستۇم ئۆزىگە ،
مەتۇ دېگەن ئىنساننىڭ قارغۇم كەلدى كۆزىگە .
ئۇچراپ قالسا ناۋادا تۈكۈرۈپ ئۆتەي يۈزىگە ،
كىتاپلىرمىز ئۈستىگە توپا چاڭلار قونۇپتۇ .
***
خەلىقمدىن كىتاپخۇمار قالمىسۇن ھەرگىز ئازلاپ ،
كىتاپلارنى ئاسرىماي قالمايلى كۆزلەر ياشلاپ .
قولىمىزغا ئېلىپ كىتاپ ئوقۇيلى ھەر كۈن تازلاپ،
كىتاپلىرمىز ئۈستىگە توپا چاڭلار قونۇپتۇ .
2016.11.30 ئۈرۈمچى كەچ 1:30
كىتاپلىرمىز ھەرگىز غېرىپ بولۇپ توپا بېسىپ قالمىسۇن ئەزىز قېرىنداشلار ! تارقىتىپ قويۇڭلار !
| 226 قېتىم كۆرۈلدى | uqkun013 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-30 21:57:19 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|