ئاتام قېنى سېغىنغىنىمدا
ئېلىجان ئابدۇكىرەم
بىلمەپتتىمەن نادانلىقىمدا،
ئاتام تۇرسا ھەردەم قېشىمدا.
ئەمدى ئەقىل تاپقان چېغىمدا،
ئاتام قېنى سېغىنغىنىمدا .
ئاتا دېسەم ئاتام كەلمىدى،
ھايات يولى كۆزۈم نەملىدى.
دەرت ئەلەملەر ئارام بەرمىدى،
ئاتام قېنى سېغىنغىنىمدا .
بىلمەپتىمەن قەدرىنى بىرچاغ،
مىنىڭ ئۈچۈن ياساپتىكەن باغ.
مەڭگۈ ئوچمەس قەلبىمدىكى داغ،
ئاتام قېنى سېغىنغىنىمدا .
پۇلمۇ تاپتىم گاھى يوقاتتىم،
دەرت ئەلەمگە، ھەسرەتكە پاتتىم.
يېتىملىكنىڭ دەردىنى تارتتىم،
ئاتام قېنى سېغىنغىنىمدا .
ئاتام ئىكەن بىر ئۇلۇغ ئىنسان،
بولسىمۇ گەر جاپاكەش دېھقان.
ئاتام كېتىپ بولدۇمغو نىمجان،
ئاتام قېنى سېغىنغىنىمدا .
ئۆزگىلەرنىڭ ئاتسى باركەن،
خۇشاللىققا كۈندە يارئىكەن.
ئاتسى يوق مەندەك خارئىكەن،
ئاتام قېنى سېغىنغىنىمدا .
ئۈندىدار 2318334127
2016...9...18
| 59 قېتىم كۆرۈلدى | dlkax | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-9-19 23:57:52 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|