مۇبارەك جان دادا يېڭى يېشىڭغا

         مۇبارەك جان دادا يېڭى يېشىڭغا

مەمەتجان سەمەت

ياشىغىن  كۆكلەپسەن ، توغراق يېشىدا،
قوشۇلسۇن  يېڭى  ياش ، دادا  يېشىڭغا.
كەلمىسۇن جاپا دەرت ،مەڭگۈ  بېشىڭغا،
مۇبارەك   جان   دادا  ، يېڭى   يېشىڭغا.

ئىزىڭدىن ئۈنسۇن كۆپ چىرايلىق گۈللەر،
يار بولسۇن ھەر دائىم خۇشاللىق كۈنلەر،
يۈتمىسۇن چېھرىڭدىن تاتلىق كۈلكىلەر،
مۇبارەك   جان   دادا   يېڭى   يېشىڭغا.

تىلەيمەن   تەڭىردىن  بەخت  سائادەت،
يەتمىسۇن   تىنىڭگە  زەرچە   مالامەت.
كۆرگۈنسەن بىرئۆمۈر شاھلاردەك راھەت،
مۇبارەك   جان   دادا   يېڭى   يېشىڭغا.

ئەجرىڭنى   قايتۇراي   رازى   بولغىچە،
مېھرىمگە  سەنمۇ قان  راسا   تويغىچە.
قۇتلۇقلاي  ھەر يىلى مەن كۆز يۇمغىچە،
مۇبارەك   جان   دادا   يېڭى   يېشىڭغا.



تەھرىرلىگۈچى : ئابلىمىتجان ۋاھاپ 

ئۈندىدار :qq1165181317

مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار :2041420589

 بارلىق دادىلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك
     





178 قېتىم كۆرۈلدى mamatjan520 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-28 13:13:54  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ