لەھەتتىكى تۇيغۇ
ئاپتۇرى : قاسماق
نەسىر
2-قىسىم
جىنىم ، مانا كۆمۈلگۈنىمگە ھەش - پەش دىگۈچە ئىككى كۈن بوپتۇ . مەندىن قۇتۇلۇپ شۇنداق ياخشى ياشاۋاتقانسەن ھە ، مەنمۇ ھەر ھالدا ياخشى ، ئازاپ مالائىكىلىرى ياخشى قاراۋاتىدۇ . ئۇلارنىڭ ئالدىرماي قىيناش ئۇسۇلى تۇنجى كۈنىلا كۈچىنى كۆرسەتتى .لېكىن خىيالىمدا سەن بىلەن ياشاۋاتقاچقا بۇلار ماڭا ھىچ تەسىر قىلمايۋاتاتتى ، شۇڭىلاشقىمۇ ئۇلارنىڭ قىلىقلىرىغا ھە دەپ كۈلۈپلا قوياتتىم . چۈنكى بۇ ئازاپلارنى خىيالىمدىكى تۈگۈمەس كۆڭۈللۈك مىنۇتلارتەرپىدىن يوقۇلۇپ كىتەتتى . ئادەم شۇنداق بولىدىكەن ......
بۈگۈن تۇنجى قېتىم سوراق قىلىندىم ، باشقا بىرى ئەمەس ۋىجدانىم تەرپىدىن . ناشقا نەرسىگە ئەمەس سىنى قەدىرلىمىگىنىمگە شۇنداق پۇشايمان قىلغۇزۋەتتى . بىلەمسەن ، بۈگۈن بالىلار بايرىمى . ئەگەر ئىككىمىزنىڭ دۇنياسىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئىلاھىي قۇدرەت بولسا ئىدى ساڭا شۇنداقلا سوغاتلارنى ئىلىپ بەرگۈم بار لېكىن ، ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق . يىنىمدا تىيىنىڭ سۇنىقى يوق ، ھەم يەنە باشقىلاردىن تىزلىنىپ تۇرۇپ دىگۈدەك تىلەپ ئالغان سوۋغىتىمنىڭ مۇبارەك قوللىرىڭنى مەينەت قىلىۋىتىشىدىن قورۇقتۇم . ئەنسىرمە بۇ يەردە ياخشى تۇرىمەنكە ، يىيىشلىرىم « يەرلىك ئۈگرە » لەر ، سوغۇق تۇربا سۇلىرى . مەن ئىلگىرى يوشۇرۇن ۋە ئاسكارە كۆنۈپ كەتكەنمۇ ئۇنىڭغىمۇ تىزلا كۆنىۋالدىم ، مىنىڭ قەيەر بولسا كۆنۈپ كىتىدىغىنىنى بىلىسەنغۇ .
تەقدىر شۇنداق بولسا كىرەك بىرمەزگىل بىلدۈرۈپلا ئايرىيدىكەن ، سەن خالا ياكى خالىما ئامالىڭ يوقكەن .لېكىن خىيالەن ياشاش شۇنچە شىرىن ئىكەن بىر ئۆمۈر ، شۇنداق ياشاشقا رازىي بولىدىكەنسەن ھەممىنى ئىچىڭگە سىڭدۈرۋىتىدىكەنسەن ، بەلكىم بۇ مۇھاببەتنىڭ ساماۋىي قۇدرەتلىرىدىن بولسا كېرەك
لېكىن ئەنسىرمە ، مەن قانچىلىك قىينىلاي سىنىڭ بەختىڭگە توسقۇنلۇق قىلمايمىن ....
قىزىق ، بۈگۈن ھەر قىتىم خىيال ئەينىكىمنى ئاچقاندا سەن چىقارغان شۇ ئىسىل بالىنىڭ سۈرىتى ئايان بولىدۇ . قاراپ - قاراپ ئۆزۈمدىن ، مەينەتلىكىمدىن نومۇس قىپ كىتىمەن . لېكىن ئۆزۈمنى تاشلىۋەتمەيمەن پەقەت كۈنلەرنىڭ بىرىدە سېنىڭ كېلىپ مىنىڭ بۇ زەئىپ تىنىمنى بۇ لەھەتتىن ئىلىپ چىقىپ كېتىشىڭنى ساقلايمەن ، تىرىشىمەن ، لېكىن سىنى ئاۋارە قىلمايمەن .....
( شۈكرى ، بۈگۈن يەنە قولۇمغا قەلەم ئالغىدەك نىجاتلىق تاپقىنىمدىن خۇرسەن مەن ، كىيىنكى قىسمى ئەتە چىقارمۇ ، يا ئۆگۈنمۇ بىلمەيمەن ، پەقەت نىسىپ قىلسا ئۆمۈرلۈك ئەسەر قىلىشقا تەييارلىق قىلىمەن )
ئاپتۇرى : قاسماق
2017- يىلى 6-ئاينىڭ 1- كۈنى ، ئۈرۈمچى
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
| 159 قېتىم كۆرۈلدى | kasmak | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-6-2 2:19:56 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|