راسىت (شېئىر) - رۇزىگۈل ئابدۇۋەلى

 راسىت
                 
رۇزىگۈل ئابدۇۋەلى

سېغىنىش ئوتلىرى ئۆتۈپ جېنىمدىن ،
ھەر ئاخشام ئەلەمدە تولغانغىنىم راسىت .
كۆزلىرىم يۇلتۇزدا ، خىيالىم سەندە ،
ئىشەنگىن ئاشىقىم سېغىنغىنىم راسىت .

تەلمۈرۈپ كۈن_تۈنلەپ پەقەت يۇلۇڭغا ،
ئۇيقۇسىز تاڭلارنى ئاتقۇزغىنىم راسىت .
تەنھالىق ئەلىمى ئۆتكەندە بەلكىم ،
تاراملاپ ياشلارنى ئاققۇزغىنىم راسىت .

يۈرىكىم ھەسرەتتە تۆككەندە قانلار ،
چىداي دەپ چىشىمنى چىشلىگىنىم راسىت .
ۋەلىكىن بۇ كۆڭلۈم باقماستىن ماڭا ،
يەنىلا ھىدىڭنى ئىزدىگىنىم راسىت .

بىرگە بوپ ھەر قېتىم قۇلۇمنى تۇتساڭ ،
بەخىتتىن تاتلىققىنە كۈلگەنلىرىم راسىت .
ئايرىلىش پەيتىمىز كەلگەندە يىتىپ ،
قىيماستىن كەيىنمگە قايرىلغىنىم راسىت .

ھەر قېتىم مەن ئۈچۈن خۇش خەۋەر ئېيىتساڭ ،
ھاياجان ئىلكىدە سەكرىگىنىم راسىت .
قاچانمۇ كۆرەرمەن ئاشىقىمنى دەپ ،
كۈن ئۆتسە كۈن ساناپ ئۆتكەنلىرىم راسىت .

توختىماي دىگۈم بار پەقەت بىرلا سۆز ،
يار سېنى يۈرەكتىن سۆيگەنلىرىم راسىت .
يەنە دەي يەنىلا سېغىندىن سېنى ،
بۈگۈن دەپ ئەتە دەپ كۈتكەنلىرىم راسىت ...

 2017-يىلى 23-مارت   





250 قېتىم كۆرۈلدى رۇزىگۈل ئابدۇۋەلى ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-23 16:36:59  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-26 19:18:24 سىراجىدىن
پەيزىكە
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ