مەن بالا ئوغۇرلىرىنى تىللىمايمەن - مۇھەممەتجان ئەخەت (پېقىر)

 مەن بالا ئوغۇرلىرىنى تىللىمايمەن
مۇھەممەتجان ئەخەت (پېقىر)
 
بالا بۇلاپ پۇلغا ساتقانلار،
ھارام بولسىمۇ،
قارغىش ئالسىمۇ،
چۈشۈپ سوراققا
تۈرمىدە ياتسىمۇ،
مېنىڭچە
ئۇلار ئۆز يولىنى ئۆزى تاپقانلار.
بۇنداق دىسەم ئەيىپ ئالماڭلار.
ياكى مېنى شىرىكمىكىن دەپ،
بالا ئوغۇرلاپ ساتتىمىكىن دەپ،
خىيالىڭلاردا گۇمان قىلماڭلار.
كوچىدا كۆرۈپ سەت قارىماڭلار...
ھە راس  
ئوغرىمۇ ئەمەس،ساقچىمۇ ئەمەس.
ئاددى ئادەممەن
كۆڭلۈم خالىغاننى ئەمەس،
كۆزۈم كۆرگەننى ئەمەس،
ۋىجدانىم كۆتۈرگەننى قىلىدىغان ئادەم...
بۈگۈن يۈتتى بىر بالا
ئەمما
 مەن ئوغرىنى ئەمەس
بالىنىڭ دادىسىنى،
تۇغقان ئانىسىنى
يىغلاپ تۇرۇپ قاتتىق تىللايمەن.
ياخشى قارىسۇن،
بەلەن باقسۇن،
شۇ چاغ ئوغرىلارغا يولمۇ قالمايدۇ.
مالنى چىڭ تۇتسا قوشنا ئوغرى چىقمايدۇ.
بۇ ياپونىيە ئەمەس،
كوچىدا قويسا تۇرىۋېردىغان.
بالا ئوخشىمايدۇ ھېچنىمىگە،
كوچىدا قويسا بولىۋېردىغان.
چۈنكى يوللاردا ھەر قىسىما ئېنسان،
شۇڭا كۆزەتكۈنى بىكار قويمىغان...
...
بالا- دادىنىڭ يۈرەك پارىسى،
بالا- ئانىنىڭ كۆزنىڭ نۇرى،
ئىككسى ئارمانلاپ مىڭ تەستە تاپقان.
يۈرەك يۈتەمدۇ؟
كۆز نۇر ئۆچەمدۇ؟
ياق.
پەقەت...
ھە....يييي....
بالا يۈتمىسە بولاتتى،
شۇ چاغ ئائېلە بەخىتكە تولاتتى...
بالىمىزغا ياخشى قارىساق...
شۇڭا مەن
دادىنى
ئانىنى تىللايمەن.
ھېلىقى مەلئۇنلارنى،
يامان كۆرىمەن،
نەپرەتلىنىمەن،
شۇنداق تۇرۇپ،
ئېچىنىپ تۇرۇپ،
يىغلاپ تۇرۇپ،
يان باسقىنىممۇ ئەمەس،
لىكىن
بالا ئوغۇرلىرىنى تىللمايمەن.

     





349 قېتىم كۆرۈلدى مۇھەممەتجان ئەخەت (پېقىر)   ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-21 0:35:39  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ