ئۇرۇش ئوتى (شېئىر) - ئابلىمىت ئابلا

 ئۇرۇش ئوتى
ئابلىمىت ئابلا

پارتلىغان قاباھەت چۈش كەبى ئۇرۇش،
يەر جاھان  قاپلىدى  ۋەيرانە  نالە.
توختىغان بولسىدى دەقىقە جىمجىت،
بولاتتى ئارزۇيۇم پورەكلەپ لالە.

بەتلەرنى ۋاراقلاپ بىلىپ تۇرىمىز،
ئاتلاپ دەۋىر تۈگىمەس ئۇرۇش.
قىرىپ-قىرىلىپ ئاقتى ئىسسىق قان.
قالدۇرۇپ ئىزلاردا بەخىتسىز تۇرمۇش.

ئەنسىز  يىللار  سۈرۈپ  ھۆكۆمران،
چىرمىدى ۋەھىمە قورقۇتۇپ روھنى.
تىزلىكتە ئۇچاتتى نەشتەرلىك بومبا،
ئۆلتۈرۈپ تۈگەتتى« قىزىل»ھاياتنى.
   
ئاۋانگارىت ياشلار دەۋىر چاقىرقى،
يۈرەكنى  ئالدى  قاپارغان  قولغا.
ئىلىشتى قان كىچىپ ئازاتلىق ئۈچۈن،
بەربات قىپ دۈشمەن ھەيۋە ئوتىنى.


   2016.12.26     





145 قېتىم كۆرۈلدى urtanma ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-27 3:50:33  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ