كەتسەم گەر ئۆلۈپ
رىزۋانگۈل (مودەن)
كىملەر مېنى سېغىنار دىلدىن،؟
يوقلۇقۇمغا ئامالسىز كۈنۈپ.،
كېملەريۈرەرئازاپلىق كۈلۈپ،
بىلەلمەيمەن كەتسەم گەر ئۆلۈپ.
……،،،
كېملەر مىنى ئالاركىن ئەسكە،
ئۇنۇتمىقى چۈشكەچكە تەسكە.
كېملەر مۇھتاج مەنسىز نەپەسكە
بىلەلمەيمەن كەتسەم گەر ئۆلۈپ.
……،،،
كىملەر ماڭا ھەقىقى سىرداش؟،
مېھىر بىرپ بولدىلەر دىلداش.
كېمىلەرئەمەس ئەزەلدىن يولداش؟،
بىلەلمەيمەن كەتسەم گەر ئۆلۈپ
……،،،،
كىملەر ئۈچۈن ئەزىزدۇرجېنىم؟،
مەۋجۇتلۇقۇم تامچەھەم قېنىم.
كىملەر ئۈچۈن خەستۇر بۇتىنىم؟،
بىلەلمەيمەن كەتسەم گەر ئۆلۈپ.
……،،،
كىملەر سۆيدى مېنى يۈرەكتىن،
ئىلتىجا قىپ ئوتلۇق تىلەكتىن.
كىملەر قەستى ئايرىش يۈلەكتىن،
بىلەلمەيمەن كەتسەم گەر ئۆلۈپ.
……،،،
كىملەر مېنى گۈلۈم دىدىلەر؟ ،
كېچە -كۈندۈز غېمىم يىدىلەر.
كىملەر ئەسلى دۆشمەن ئىدىلەر؟،
بىلەلمەيمەن كەتسەم گەر ئۆلۈپ.
……،،،
كىملەر ماڭا تىزار گۈلدەستە؟،
قىلىپ دۇئا ھەبىر نەپەستە.
كىملەر ساقلار بىر ئۆمۈر ئەستە؟،
بىلەلمەيمەن كەتسەم گەر ئۆلۈپ.
……،،،،
كىملەر يارارھەسرەت بىلەن باش
پىنھانلاردا تۈكۈپ يەنە ياش.
كىملەر ئارقامدىن ئاتارماڭاتاش،
بىلەلمەيمەن كەتسەم گەر ئۆلۈپ.
……،،،
2016-يىل 6-نويابىر .مايتاغ
70 قېتىم كۆرۈلدى | رىزۋانگۈل (مودەن) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-9 9:58:51 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|