تەۋپىق شىئىرلىرى
مەمتىلى ئەپەندى (تەۋپىق )
يىللار كەتتى قوغلوشۇپ ئەمما بىزلەر كەتمىدۇق،
مېڭىپتۇردۇق ئالدىغا يا مەنزىلگە يەتمىدۇق.
ئارمانلارغۇ چوڭ ئىدى لېكىن دەرمان بولمىدى.
بىرنى ئىككى قىلالماي تاغنى تالقان ئەتمىدۇق.
.
ساقال باستى يۈزلەرنى ئاق سانجىدى چاچلارغا،
قورۇق چۈشتى يۈزلەرگە قىروۋ قوندى قاشلارغا.
گاھى ئەلەم گاھ ئامەت كېلىپ تۇردى باشلارغا،
كەتتۇق ھەتتا چىرايدىن بىز مۇشۇنداق سەتمىدۇق.
.
كېتىپ قالدى شوخلوقلا ئېغىر بېسىق بوپ قالدۇق،
تۇرمۇش ئاتلىق سەھنىدە بىز ئاجايىپ رول ئالدوق
تۆت دوقمۇشتا تارىلىپ ھەرياقلارغا يول ئالدۇق.
ئۇنتۇلماقتا مۇھەببەت بىز يېزىلغان خەتمىدۇق.
.
قىسقا ئىكەن بۇ ئۆمۆر ئۆلۆم بولدى تەشۋىشىم،
خۇرسىنىشقا سەۋەپتۇر ئۆتكەن كۈنۈم كەچمىشىم.
نىمە مەقسەت قاي سەۋەپ بۇدۇنياغا كەلمىشىم،
يىغلاپتىمىز توختىماي بىز تۈگىمەس دەرتمىدۇق.
.
ئۇ ئىشىكتىن كىرىپلا بۇئىشىكتىن چىكەتسەك،
ئۆشنىمىزدە ئېغىر يۈك ئاخىرەتكە ئېپ كەتسەك.
يەڭگىللىسە گۇناھىم سالساڭ مەيلى مىڭ تەستەك.
ئىڭڭەلىگەن چاغلاردا بۇندا بولا دەپمىدۇق.
.
يىگىرمىدىن ئېشىپلا ھاياتلىقنى چۈشەندۇق،
بىراۋلارغا ئالداندۇق بىراۋلارغا ئىشەندۇق.
بەزەن ئۆلدوق بىگۇناھ ھەتتا قايتا تۆرەلدۇق،
تەقىپلەردە ھەر قەدەم بىز تۈگىمەس نەپمىدۇق.
.
مەيلى قانداق ياشايلى ھامان ئۆلۆم يارلىغى،
يولىمىغاي دوستلارغا ئىككى ئالەم خارلىغى.
ئۆرگىلىمەن كەڭ دەيدۇ بۇئالەمنىڭ تارلىغى،
قوبۇل قىلدۇق كۈلپەتنى ياكەينىگە تەپمىدۇق.
      
| 95 قېتىم كۆرۈلدى | wolkan11 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-6 18:15:11 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |