ياخشىلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە (شېئىر) - ئابدۇۋەلى ئابدۇغېنى

ياخشىلىق  قىل قولۇڭدىن كەلسە

ئابدۇۋەلى ئابدۇغېنى  

بۇگۇن ساڭا كەلگەن بىر ئامەت،
ياخشى ئىشقا يىتىلدۈر ئادەت.
يىگىلىسۈن مەيلى بوي،قامەت،
ياخشىلىق قىل،قولۇڭدىن  كەلسە.

مىسكىنلەرنىڭ يەتكىن ھالىغا،
كۈنلۈك بولغىن يامغۇر ،قارىغا.
كۈلكە سۇنغىن يىغا،زارىغا،
ياخشىلىق قىل،قولۇڭدىن كەلسە.

پاسىق،گالۋاڭ دىمە تون پىچىپ،
ئىنسان بەزەن قالىدۇ ئېزىپ .
يېقىنلاشقىن باققىن دىل قېزىپ ،
ياخشىلىق قىل،قولۇڭدىن كەلسە.

ئازغانلارغا سۆزلە بىلدۈرۈپ ،
تايغانلارنى يۈلە كۈلدۈرۈپ .
ساخاۋەتنى قويما يۈتتۈرۈپ ،
ياخشىلىق قىل،قولۇڭدىن كەلسە .

بۇلالمىساڭ قىيادا  توغراق ،
تىرىش تۈزدە بۇلۇشقا ئوتلاق.
چېچەكلىسۈ ھاياتىڭ شۇنداق ،
ياخشىلىق قىل ،قولۇڭدىن كەلسە.


2017-يىل 3-ئاينىڭ 29-كۇنى كېچە   خۇتەن
     





43 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇۋەلى ئابدۇغېنى ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-31 4:58:13  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ