ئەجەل بولدۇڭ مەن ئۈچۈن (شېئىر) - ئاي تۈرك

  ئەجەل بولدۇڭ مەن ئۈچۈن

💘ئاي تۈرك💘

ھاياتلىقتىن پۈتۈلگەن تارىخ،
قانلىق قىسمەت ھەي تەتۈر پەلەك،
چاڭقاق قەلب، ئاچچىق زارىقىش،
تەشنالىقتىن قاغجىرار يۈرەك،

ھايات قىسمەت ئۆتمۈش سەپىرى،
ياشاتقاندەك مىڭ يىللار مېنى،
ۋۇجۇدۇمدىن تىرىشتىم تۈگەل
ئېرىشمەككە، بەخىتلەر قېنى؟

ھايات يولى نىمانچە داۋان،
چاتقال تىكەن مۆدۈردۈم قايان؟
يېتىلىگەن قوللىرىڭ قېنى؟
قاۋاشقا ھەم تەييارسەن قاۋان.

ئالدىمدا سەن، ئەپسۇس يوقالدىڭ،
كۆڭۈل تۆرۈم بوش بىلىپ قالغىن.
ئەسلىمىلەر قىينايدۇ ھەجەپ،
بىر زەھەرلىك چايان بوپ قالدىڭ.

نەگاھىكى يولدىن ئاداشتىڭ،
مېنى تاشلاپ يالاق يالاشتىڭ.
كىملەر بىلەن ۋەسۋەسە تامان؟
خۇپىيانە نىمە قوغلاشتىڭ؟

ئالداپ كەپسەن قاي زامانلاردىن؟
مەسئۇلىيەت ئەھدىنى چۆرۈپ.
ھەسرەتلەرگە يەم قىلدىڭ مېنى،
بىۋاپاسەن يۈزۈڭنى ئۆرۈپ.

ئاچچىق ھەسرەت قىينايدۇ يۈرەك،
ئارامىم يوق ئەجەلسەن لەنەت.
كۆز ئالدىمدا ئاچچىق ھەقىقەت،
ئامالىم يوق ئۆتمەسكە ئەبەت.


(غۇلجا شەھەر)
     





26 قېتىم كۆرۈلدى ayturk ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-9 22:52:51  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ