ئويغان (ئۆزۈمگە نىدا)
شىرزات ئابدىۋاس
ئەقىل ئىگىسى ئەي ناتىۋان،
ئۇيقۇڭنى ئاچ ئۇيقۇڭ يېتەر،
خىيالىڭنى قويۇپ بەرسەڭ مەيلىگە،
بېشى قايغان تەرەپكە كېتىۋېرەر .
خىيالىڭدا ،
بولىسەن دائىم ئالىم ئىنژېنېر .
بەس ،
كاتتا ئىشلار سېنى كۈتمەكتە .
ھەتتا بەزى پۇلدار خوجايىن ،
ساخاۋەتكە مىليۇن تۆكمەكتە .
كەلدى ساڭا ھەقتىن سادا، بەس ،
ئاۋال ئۆزۈڭ ھالىڭنى ئوڭلا ،
سەندىن باشقا نەپ كېرەڭ ئەمەس،
ئەلگە جەبىر سالمىساڭلا .
قۇرۇق خىيال قىلىۋەرمە ،
تىنماي ــ تىنماي كىتاب ئوقۇ !
(ھېچ بولمىسا كەتمەن ئېلىپ يەرنى چوقۇ!)
نادانلىقنى يىراقلارغا چۆرىۋەتكىن،
ھېچبولمىسا يۈرەك تۇتۇپ،
كەلگۈسىڭنى ئەقىل بىلەن ئويلىۋەتكىن،
ئارزۇيىڭ ئۈچۈن ،
كۆزلىرىڭنى ئۇۋلىۋەتكىن !!!
2015-يىلى16-يانۋار ئۈرۈمچى
| 166 قېتىم كۆرۈلدى | shaydayi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-1-18 22:45:02 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|