سىزنى قايتا كۆرەلەرمەنمۇ (ناخشا تىكىستى) - ئېزىزتۇرسۇن خەنجەرى

سىزنى قايتا كۆرەلەرمەنمۇ

ئېزىزتۇرسۇن خەنجەرى
(ناخشا تىكىستى)

كىچە سىزنى چۈشەپ قاپتىمەن،
سىزنى بەك سېغىنغان ئوخشايمەن،
ئامان -ئىسەن تۇرغانسىز بەلكىم،
سىزنى قايتا كۆرەلەرمەنمۇ...

تەقدىر بىزنى ئايرىدى ئەجەپ،
بەك بىمەنە ئۇندىكى سەۋەپ،
مىنى ئەسلەپ قۇيارسىز بەلكىم،
سىزنى قايتا كۆرەلەرمەنمۇ...

دىلدا ئارمان قېپ قالدى بىزدە،
كۈيۈشكەچكە يۈرەگىمىزدە،
بەخىت تىلەپ ئۈتەرمىز بەلكىم،
سىزنى قايتا كۆرەلەرمەنمۇ،

بىر كۆرۈشمەي ئۈلەرمىز بەلكىم،
سىزنى قايتا كۆرەلەرمەنمۇ....

2014-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى
ئۈندىدار:1046775797
     





114 قېتىم كۆرۈلدى margimux ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-19 15:58:22  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ