بۇلغانغان روھلار - شەھۋەت ۋە ئەيدىز
 بۇلغانغان روھلار
 
«شەھۋەت ۋە ئەيدىز»
 
بۇلغانغان روھلار،بۇلغانغان تەنلەر،
سۇندۇردى ئۇنى ئۆلگەن يۈرەكلەر.
بۇلغانغان ئىللەت مۈدۈيۈش تېلەكلەر،
سالدى پۇتلارغا شۇنداق كىشەنلەر.

بۇلغانغان تەنلەر،بۇلغانغان جانلار،
بولدى يېراقلاپ سۆيگىدىن نېرى.
قۇياشمۇ ئۇنىڭغا سايە تاشلاپ ھەم،
كەتتى يىراقلاپ ئۇنىڭدىن نېرى.

ئۆزنى بىلمەي ئۇ،قالدى يېراقتا،
ئەقلىنى تاپماي بولدى دەشنامدا.
نى كېرەك ساڭا،ئويلان ئى،ئىنسان؟
ئۆزەڭنى بىلمەي بولىسەن ۋەيران.

مۈزەففەر ئەيلە!بۇلغاندى روھلار،
زارىقىپ ساقلار شۇندا چولپانلار.
بۇلغانغان دىللار بولدى قاراڭغۇ،
تۇيماستىن ئۆزنى بەزى ئىنسانلار.

پۈكلەنگەن تەنلەر ئېگىلىپ ئالدىغا،
ئەركىنلىك تۇغىدىن قالدى ئارماندا.
بۇلغانغان تەندىن ئايرىلغان باشلار،
خارلىنىپ ئاخىر چۈشتى ئازگالغا .

بۇلغانغان قانلار چېرىتار ھامان،
سېسىق پۇراقلار يامرىغان يامان.
بۇلغايدۇ ھامان ھەممىنى شۇنداق،
روھىڭ بۇلغانسا ھەممىدىن يامان.

چېرىگەن تەنلەر ئەسلىگە كەلمەس،
يېقىلغان باشتىن چىقمايدۇ سادا.
بۇلغىسا شۇنداق زەھەرلەپ ئۆزنى،
يوقىتىدۇ شۇنداق ۋەسلىنى تازا.

بۇلغانغان جانلار كۆپەيدى شۇنداق،
ئەسلىمۇ-نەسلىمۇ بولىدۇ شۇنداق.
قاراڭغۇ تۈندەك تەمتىرەپ يۈرسەڭ،
تاڭمۇ ئاتمايدۇ مۈگىدەپ شۇنداق.

قەلبىڭ پاكلانسا بولىسەن قوياشتەك،
رويىڭ كۆتۈرلىپ ئۈزىسەن بىلىقتەك.
دوستلۇق مىھرىڭمۇ ئاشىدۇ شۇندا،
تاڭ بىلەن چۈشكەن سۈزۈك شەبنەمدەك.

ئىللەت تۈزۈلسە سۆيگۈمۇ شۇنداق،
نۇر چاچىدۇ ئۇ،ھەممىگە شۇنداق.
ياشىغىن ئىنساندەك ھۆرى پەرىدەك،
بۇلغۇماي ئۆزىڭنى،نەپسىڭنى شۇنداق.

شۇندا سۆيگۈمۇ چاقنار چولپاندەك،
ھەر-زاماندا يالتىراپ يېنىپ گۈلخاندەك.
ھېممىتىڭ ئاشىدۇ ئۇنچە-مارجاندەك،
كەلگۈسىڭنى يۇرىتار ئالتۇن قوياشتەك.
 
(مۈزەففەر ــــ ئۇتۇق،غەلبە)
 
2015-يىلى 6-ئۆكتەبىر،ئابدۇرەشىد ئابدۇكېرىم 




168 قېتىم كۆرۈلدى abduraxit ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-6 17:05:40  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ