شېئىر ۋە شائېر - مەردان ياقۇپ (غۇلجا)

 شېئىر ۋە شائىر 

مەردان ياقۇپ (غۇلجا)


ھەممىسىلا شائىر ئ‍ەمەس شېئىر يازسا ،
قەلىمىدە ھەق سۆزلىرى يىزىلمىسا ،
ئ‍ىككى كۆزۈڭ كۆرەلمىسە ھېچ گەپ ئ‍ەمەس ،
شۇ كۇپايە قەلىپ كۆزۈڭ كور بولمىسا ،

ھەممىسىلا شائىر ئەمەس شېئىر يازسا ،
يامان  دېمە بالىلىق قىپ يولدىن ئ‍ازسا ،
ھەيران قالدىم بۇ دۇنيانىڭ خىسلتىدىن ،
ئ‍ىگىلەركەن ئ‍ادەملەرمۇ شامال چىقسا ،

ھەممىسىلا شائىر ئەمەس شېئىر يازسا ،
قايىلدۇرمەن قەلىمىدە ئ‍التۇن قازسا ،
لەنەت دىدىم  مانا بۈگۈن شۇنداقلارغا ،
ھەقنى سۆزلەپ ئ‍ەمەليىتى چىن بولمىسا ،

2016/10/21新大
     bagwax_____118
     


     





150 قېتىم كۆرۈلدى mardan118 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-12 9:29:13  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-13 12:41:50 ئۇيغۇربېك
ياخشى
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ