…سەن ئويلىغاندەك ئادەم ئەمەسمەن…
(چىچەك كاشغەرى)(مۇنىرە)
سەن ئويلىغاندەك ئادەم ئەمەسمەن ،
چۈشەنمىگىدەك تىلسىم ئەمەسمەن .
ئارقاڭنى قىلىپ يىراق تۇرغىدەك،
زەھەرلىك يىلان،چايان ئەمەسمەن .
………………………………………………
سەن ئويلىغاندەك ئادەم ئەمەسمەن،
كۆزۈم ئۆتكۈردۇر كور ئەمەسمەن .
مىھىر بەرگەننى چەتتە قويغاننى ،
بىلەلمىگىدەك گۆدەك ئەمەسمەن .
……………………………………………
سەن ئويلىغاندەك ئادەم ئەمەسمەن ،
ھەممىگە چىداپ سۈكۈت قىلماسمەن .
سەۋىرنىڭمۇ بار ئاخىرى چىكى،
قاچىسى توشسا يۈزۈڭ دىمەسمەن .
…………………………………………
سەن ئويلىغاندەك ئادەم ئەمەسمەن ،
قۇرۇق خىياغا ئەسىر ئەمەسمەن .
ئەرزىمەس شۇ يالغانلار ئۈچۈن،
ئارزۇلىرىمنى خازان ئەتمەسمەن .
……………………………………………
سەن ئويلىغاندەك ئادەم ئەمەسمەن ،
بەخىت ئىزدەپ چېپىپ يۈرمەسمەن .
ھەركىمنى قويۇپ ھەسەت-ھەۋەستە ،
باراقسان كۆكلەپ ئىگىز ئۆسەرمەن .
2016.9.30
چىچەك كاشغەرى
| 74 قېتىم كۆرۈلدى | qiqak | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-13 14:54:52 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|