دېكابىرنىڭ سوغۇقى - ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان

دېكابىرنىڭ سوغۇقى 

ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان


دېكابىرنىڭ سوغۇقى،
يوقسۇللارغا بولدى غەم.
ئېلىپ كەلدىڭ يوقسۇلغا،
ئېغىر ئازاب، دەرت ئەلەم.

كۆمۈر ئېلىپ ئۆيىگە ،
ئەكەتگىدەك پۇلى يوق.
مۇزلاپ كىرگەندە ئۆيگە،
ئىللىققىنە ماكان يوق.

دېكابىرنىڭ سوغۇقى،
يوقسۇللارنى يىغلاتتى.
كەيگۈدەك ئايىقى يوق،
موزدوزلارغا ياماتتى.

دېكابىرنىڭ سوغۇقى،
رەھىم قىلماس يوقسۇلغا.
ئىسسىق ماكان، ئىسسىق ئۆي،
مەڭگۈ چۈشتۇر ئۇلارغا.

دېكابىرنىڭ سوغۇقى،
كۈچەيمەكتە  بارغانچە.
يوقسۇل بولغان گۇناھمۇ؟
مۇزلىماقتا كەچكىچە.

دېكابىرنىڭ سوغۇقى،
رەھىم قىلغىن ئۇلارغا.
مۇزلاتساڭمۇ ئالەمنى ،
رەھىم قىلغىن يوقسۇلغا .

ئاپتور ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
ئۈندىدار نومۇرى 15292532364
2016-يىلى 3-دېكابىر
     





105 قېتىم كۆرۈلدى kiziltuman ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-3 20:19:19  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-12 2:41:20 سابا 0998
ئاپتۇر ،،بۇ شىئېردا زىمىستان قىشنىڭ سوغۇقى بولغان ،دىكابىرنى يېزىش ئارقىلىق،قيىنچىلىقتا قالغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكىس-ئەتتۈرۈپ بەرگەن،قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ