يۈرەكتىن سۆيگىنى ھەممىدىن يامان (شېئىر) - ماھىرە ئەركىن ئەتىر

يۈرەكتىن سۆيگىنى ھەممىدىن يامان

ماھىرە ئەركىن ئەتىر

كۆزۈمدە لىغىرلاپ تۇرغىنى ھەسرەت،
تۆكۈپلا بىرەي كەل ساڭا دالدىدا.
ئازاپلار ماڭىلا كەلمىسە ئىكەن ،
بۇ رەزىل دۇنيادا ياۋلار ئالدىدا ·

بوينۇمغا ئىشقىڭدىن تاقاق سېلىقلىق،
سۆيگۈلەر ئالدىدا بولدۇم جاۋاپكار ،
ئاھ ۋەسلىڭ غېمىدە يولۇمدىن ئازغان،
گەر بولسام مەيلىدى ياكى گۇناھكار ·

ئىچىمگە پاتمىغان تالاي غېرىپلىق،
كۈيىنى چالىدۇ ھەر كۈنى ئاخشام.
ئوچاقتا كۆيگەندەك كۆيىدۇ جىسمىم،
تىڭشا ئەي نىگارىم بۇ مىنىڭ ناخشام.

قالمىدى سىنىڭسىز تىنىمدە جېنىم،
قار ياغار قەلبىمنىڭ بوستانلىقىدا.
ئاختۇردۇم يۈرەكنى ئۇزاقتىن ئۇزاق،
كەلمەپسەن تۆكۈلدۈم يەنە ھەسرىتا.

پىراقىڭ سوزۇلۇپ ياتار يولۇمدا،
سۆيگىمىز ئارىسى كۆرۈنەر داۋان.
ئۆزۈمگە سۆزلەيمەن چېچىمنى يۇلۇپ،
يۈرەكتىن سۆيگىنى ھەممىدىن يامان.

2017.4.11
     





139 قېتىم كۆرۈلدى Atir715 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-15 19:12:50  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ