كىملىكسز ياشاش
سەيپىدىن ئامۇت
ئەسىرىمەن خىيالنىڭ تىمتاس،
يامپاشلىدىم ھىجران تۈۋىدە.
ئېغىر تىنىش تەكراللانماقتا،
ھاياتلىقىم قىينىلار كۈندە.
ياشاپتىمەن ئويلىسام تالاي،
ئەلگە نەپتىن ئۇتۇقلىرىم يوق.
نە قىلۇرمەن يۈرۈكۈم قان-قان،
ئارمانلىرىم چاراسلىتار ئوق.
كۈلكە-يېغام ئايرىدى پاسىل،
قېنىق شۇنچە ئىككى خىل رەڭدە.
ئەتلىرىمگە ياقسام ئىتىنى،
بىرى تىنجىق بىردۇر سايە.
سۇئاللارغا مىلەندى بارلىق،
پىلتىقلايدۇ تەنسز جاۋابىم.
كىملىكىمنى قويدۇم يۈتتۈرۈپ،
ھاياتتۇرمەن ياشىيالمىدىم.
2015.6 ئاۋغۇست
| 134 قېتىم كۆرۈلدى | 1727758308 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-8-6 23:51:35 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
| 2015-8-22 16:55:36 | ئېھتىيار يارمۇھەممەت |
| ياخشى چىقىپتۇ ،ئادەمنى خىيال بېغىغا باشلاپ كىرەلەيدىكەن... | |
| 2015-8-7 1:43:59 | مەمەتجان |
| بەك ياخشىي يىزئىلىپتۇ | |
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|