مۇھەببەتكە خىتابىم (شېئىر) - ئابدۇراھمان ئىبراھىم

 مۇھەببەتكە خىتابىم

ئابدۇراھمان ئىبراھىم


مۇھەببەت ئاجايىپ لەززەتلىك تېما،
ۋە لېكىن ئازابمۇ قوشۇلغان ئاڭا.
سەۋەبى: بەزىلەر بۇ مۇھەببەت دەپ.
بەزىدە تاشنىمۇ تاياققا تاڭا.

«مۇھەببەت» خىتابىم بار ئىدى ساڭا،
سەن قانداق مېھىرسەن؟ ئېيتقىنا ماڭا.؟
بىلمىدىم، ھەيرانمەن بىر  جۈپ يۈرەكنى،
باغلايسەن، باغلىدىڭ مېنىمۇ ئەمما.

بېرىپسەن قەلبىمگە شۇنداق بىر  سىما،
نە سىما، ئوت ئىكەن يالقۇنى مانا.
باغلاپسەن رىشتىمنى ئۇنىڭ رىشتىگە،
مېنىڭچە، سەن گويا كۆرۈنمەس تانا.

شۇ سەۋەب،ئىشقى ئوت دىلىمدا يانا.
نە ئامال!تىلدىم سېنىڭدىن پاناھ.
مۇھەببەت ئوتۇڭنى سالغىن يارغىمۇ،
شۇندىلا بۇ ۋەسلىم يارىمغاقانا.

ئابدۇراخمان ئىبراھىم.كورلا
2017.2.16
     





118 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇراھمان ئىبراھىم ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-16 23:39:28  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ