كۈندەشلىكىم كىلىدۇ مىنىڭ
زوردۇن باھارجان شۈكران
كۈلۈپ باقما ئۆزگىگە نىگار،
خەق سۆزىگە بەرمە ئىتىبار،
ئېيتىپ يۈرمە دەردىڭنى زىنھار،
كۈندەشلىكىم كىلىدۇ مىنىڭ.
بىرلىرى بار سۆزلىرى يالغان،
قەيەردىندۇر كۆچۈرۈپ ئالغان،
ئاڭا ھىسداش قىلما ھېچقاچان،
كۈندەشلىكىم كىلىدۇ مىنىڭ.
بەزىلەرنىڭ مەخسىتى تۇنلۇش،
ئۈندىدارغا كۆپرەك قىز قۇشۇش،
بېرىپ يۈرمە ئۇلار (تۇنۇش)
كۈندەشلىكىم كىلىدۇ مىنىڭ.
تەسىرلىنىپ يالغان سۆزىدىن،
ياش تۆكمىگىن قارا كۈزۈڭدىن،
مەن قىزغىنىپ سىنى ھەممىدىن ،
كۈندەشلىكىم كىلىدۇ مىنىڭ.
ئۆزى كۈلسۇن يالغان كۈلكىنى،
ئۈزى يالغۇز ئېتسۇن ناخشىنى،
(باغقا باشلاپ يۈرمە تۈلكىنى)
كۈندەشلىكىم كىلىدۇ مىنىڭ.
شىئىر يازساڭ مەن ئۈچۈنلا ياز،
ئازساڭمۇ گەر مەن ئۈچۈنلا ئاز،
ئاياپ قويغىن كۆڭلۈمنى بىر ئاز،
كۈندەشلىكىم كىلىدۇ مىنىڭ.
قىزغىنىمەن سىنى ھەممىدىن،
كۈندۈز قۇياش كەچتە تۇلۇندىن،
قىزغىنىپا ھەتتا كۈزۈمدىن ،
كۈندەشلىكىم كىلىدۇ مىنىڭ.
زوردۇن باھارجان شۈكران
2016.06.28
ئاپتور ئۈندىدار:2838372548
66 قېتىم كۆرۈلدى | زوردۇن باھارجان شۈكران | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-9 12:20:09 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|