قار ياققان كېچە (شېئىر) - مەمەتجان سەمەت

 قار ياققان كېچە
مەمەتجان سەمەت


مۇزدەك سوغۇق تىمتاس كېچىدە،
ئاپپاق قارلار چۈشمەكتە شۇنچە.
سەن يوق نىگار مۇزلاپ ۋۇجۇدۇم،
كۆزلىرىمدىن تۆكۈلدى ئۈنچە.

روجەكلەردىن قارىدىم كۆككە،
چەكسىز ئازاپ خىيال ئىچىدە.
سەنمۇ مېنى ئويلامدىغانسەن،
ئەسلەپ قارلار ياققان كېچىدە.

مەكتەپتىكى شۇ قارلىق كېچە،
بارمىدۇ ھەم سېنىڭ ئىسىڭدە.
ماڭا قارلىق تاشلىغان ئىدىڭ،
شەرىت يېزىپ قارلىق خېتىڭگە.

ۋىسال تېپىپ چۆكۈپ بەخىتكە،
ئۆتكۈم بارتى سەن بىللەن بىللە.
ئەمما ۋىسال تاپمىغاچ سۆيگۈم،
ئارمانلىرىم قالدى ئىچىمدە.

ئاپتورى : مەمەتجان سەمەت
ئۈندىدار : چ چ . 308381500
ئىشلەتسىڭىز ئاپتورنى ئىزدەڭ نامسىز قىلماڭ
     





372 قېتىم كۆرۈلدى مەمەتجان سەمەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-7 17:57:41  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-1-16 14:22:42 ئەخمەتجان
مەن ھايات
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ