نامرات بولساممۇ قەلبىم باي (شېئىر) - تۇرسۇنجان قايىم ئىقبالى

نامرات بولساممۇ قەلبىم باي

ئاپتۇرى: تۇرسۇنجان  قايىم ئىقبالى

يار كۆڭلىنى سېتىۋەتتى پۇلنى دەپ،
دەرتنى سېلىپ ئالدىۋەتتى ياتنى دەپ.
تويمايدىكەن مال دۇنياغا بېرىلىپ،
ۋىجدانسىزلار ياراتمىدى نامرات دەپ.

بۇ جېنىمدىن ھەتتا ئەزىز كۆرسەممەن،
نابۇت قىلدى گۈلدەك ھايات ياشلىقنى.
گەرچە نامرات بولساممۇ قەلبىم باي ئىدى،
قىلمىدى ئۇ قەدرىم سۆيۈپ باشقىنى.

مۇھەببەتىن ئەسلا رايىم قالمىدى،
يا بۇ تەقدىر قىيناپ جاننى ئالمىدى.
ھەر كۈن كېچە ئايغا دەردىم تۆكەرمەن،
مىسكىن يۈرەك يىغلاپ يىغلاپ تالمىدى.

2017.4.3

ئەگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ  ،نامسىز تارقاتماڭ    ئىشلەتكۈچىلەر ئالاقلىشىڭ  چچ  ئۈندىدار  1934220673
     





46 قېتىم كۆرۈلدى ihbali ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-4 7:48:17  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ