بارماقلىرىم ئاۋازىدا يار - سەيپىدىن ئامۇت
بارماقلىرىم ئاۋازىدا يار

سەيپىدىن ئامۇت

سۆيگۈ قۇتراتقۇلۇق قىلماقتا،
تا مىسلىسز سېغىنىۋىرىشكە.
مەن سەتھىدە شۇ پېتىم قالدىم،
بىزارلىقتىن لىق-لىق كۈتەشكە.

پىغان چىكىپ يالغۇزلۇق بىھال،
يار ئاۋازى «ھېلىقى»قۇۋۋەت.
غىقىلدايدۇ ئارام بەرمەيدۇ،
ئەللەيلىسەم ئۇخلىمايدۇ دەرد.

خىيالىمنىڭ لەك-لەك قەترىدە،
يارنىڭ ئىسمى ئېچىلغان گۈلدەك.
ھەر ھىدىدىن مەن تولغان بىھۇش،
يىشىلەلمەي كېتىدىغاندەك.

بەس دىمەستىن بەس-بەس سېغىنىش،
ئىچ-ئىچىمدىن پاتمان يۇلقۇنار.
مۇھەببەتكە قېپقالدىم نىكەم،
بارماقلىرىم ئاۋازىدا يار.

2016.2سېنتەبىر




98 قېتىم كۆرۈلدى سەيپىدىن ئامۇت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-7 0:48:59  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ