مانا بۇ ھايات

«مانا بۇ ھايات»

 

ئ‍ىنسان بىز دۇنيادا ياشاپ بىر مەھەل،

 گاھىدا ئ‍ازاپتىن ئ‍ۆرتىنىدىكەنمىز.

بەزىدە بەك شىرىن خىيالغا چۆكۈپ،

شۇ گۈزەل ھاياتقا تەلپۈنىدىكەنمىز.

 

ئ‍التۇندەك دەۋرىمىز بىباھا ياشلىق،

 مۇھەببەت ئ‍ۇلۇغ دەپ توۋلايدىكەنمىز.

 ئ‍اشىق بوپ بىراۋغا ھىچبىر سەۋەپسىز،

 ھىجراننىڭ ئ‍وتىدا كۆيىدىكەنمىز. 

 

 ئ‍ۆتكۈزۈپ ئ‍ۇيقۇسىز تالاي تۈنلەنى،

 غېرىپلىق ئ‍ىلكىدە ئ‍اھ ، ئ‍ۇرىدىكەنمىز.

كاككۇكسىز زەينەپتەك ھەسرەتلەر چىكىپ،

 جاناننىڭ ۋەسلىگە تەلمۈرىدىكەنمىز.

 

شۇنچىلىك بىغۇبار نازۇك قەلىبنى ،

 تۈمەنمىڭ زېدە قىپ تاشلايدىكەنمىز.

 قىسمىتىمىز كاج كىلىپ قالسىلا ئ‍ەگەر،

 ۋاپاسىز دۇنيا دەپ يىغلايدىكەنمىز. 

 

 مانا بۇ ھاياتنىڭ ئ‍اچچىق-چۈچۈكى،

 چەكسەكمۇ دەرت-ئ‍ەلەم كۆنىدىكەنمىز.

 تارتقان شۇ بارلىق كۈلپەت قايغۇنى،

 يۈرەكنىڭ بېغىغا كۆمىدىكەنمىز.

 

ئ‍اپتۇرى: خەيرىگۈل نۇرئ‍ەخمەت،«شەبنەم»





203 قېتىم كۆرۈلدى خەيرىگۈل نۇرئ‍ەخمەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-15 0:16:01  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ