ئىبرەت
ئابدۇۋارىس ئوسمان
ياپراق كۈزدە غازاڭ بولغىنى ئىبرەت بولسۇن ،
بۈگۇن ئۆتسە قايتىلانماس ئىبرەت بولسۇن .
ياخشى يامانغا بىرلا ئۆلۈم ئىبرەت بولسۇن ،
ئەي پەرزەنتىم ئىبرەت ئېلىش سىزگە كەلدى .
بىلملىكلەر تارىختىن ئەزىزلىنىپ كەلدى ،
خارلانسىمۇ بىرۋاقىت باش كۆتۇرۇپ كەلدى.
بىلىمسىزلەر بىر ئۆمۇر تەمتىرەپ يۈردى ،
ئەي پەرزەنتىم ئىبرەت ئېلىش سىزگە كەلدى .
قىران ياشلار بۇگۈن مانا موھچىيىپ قالدى ،
كەيىپ-ساپا ئشرەتلىرى پۇشايمىنى بولدى .
بىلىمسزلىك ئارزۇ ئۈمۇدىنى يوققا چىقاردى ،
ئەي پەرزەنتىم ئىبرەت ئېلىش سىزگەكەلدى .
بېخىل باينىڭ تۇرمۇشى ئەنسزلىك بولدى ،
ئۆز ھېسىيات قاياشى پۇشايمىنى بولدى .
تەكەببۇرلۇق ھەر نوچىنىڭ مەغلۇبىيتى ،
ئەي پەرزەنتىم ئىبرەت ئېلىش سىزگە كەلدى .
ياخشىلارنىڭ ئىش ئىزلىرى ئۆچمەي قالدى ،
يامانلارنىڭ ئىش ئىزلىرى ئىبرەت بولدى .
ئەقىلىقلەر بۇ ئىشتىن خويمۇ پايدىلاندى ،
ئەي پەرزەنتىم ئىبرەت ئېلىش سىزگەكەلدى .
| 93 قېتىم كۆرۈلدى | 944382894 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-19 1:14:23 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|