ســـــــــــــاۋاپ بۇلا
پــــــــــــــــــەرى ((تارىم قىزى))
كەتكەنلەرگە خوش دەپ قوياي ساۋاپ بۇلا،
بەخىت تىلەپ يوللۇق تۇتاي ساۋاپ بۇلا.
يارىم ئۈچۈن ئازاپ يۇتاي ساۋاپ بۇلا.
ئاقيول بولسۇن ئۇنتۇپ كىتەي ساۋاب بۇلا.
چىن يۈرەكتىن سۆيگەنلىرىم گۇناھ بولسا،
كۆڭۈل بۈلۈپ ئىزدەشلىرىم بىزار قىلسا.
كۆيۈنۈپ شۇ دىگەنلىرىم يۈرەك تىلسا،
ئۇنداق بولسا ئۇنتۇپ كىتەي ساۋاب بۇلا.
جېنىم دىسەم بارە نېرى خېنىم دىگەن،
كىچە-كۈندۈز يات يارنىڭلا غېمى يىگەن.
بىر جېنىغا قوشلاپ نەچچە يارنى سۆيگەن،
شاللاقلارنى ئۇنتۇپ كىتەي ساۋاب بۇلا.
تىلى شىكەر دىلى زەھەر بولغانلارنى،
ئىچى پەقەت ھىلە بىلەن تولغانلارنى.
مال دۇنيانى ئەڭ ئالدىغا قويغانلارنى،
نامەرتلەرنى ئۇنتۇپ كىتەي ساۋاب بۇلا.
شۇنچە ھۆرمەت قىلسام ئىززەت قىلمىغاننى،
ھەم ئەزەلدىن كۆزلىرىگە ئىلمىغاننى.
ئازاپ بىلەن يۈرۈكىمنى تىلغىغاننى،
ئالدامچىنى ئۇنتۇپ كىتەي ساۋاب بۇلا.
ئۆزلىرنى جاھاندا بىر چاغلىغاننى،
ئەلەملىرىدە يۈرۈكۈمنى داغلىغاننى.
يالغانلىرىدا كۆزلىرىمنى باغلىغاننى،
يالغانچىنى ئۇنتۇپ كىتەي ساۋاب بۇلا.
ئۆزى خۇددى تېپىلماسنىڭ خورمىسىدەك،
ياكى بارچە كۆڭۈللەرنىڭ دورىسىدەك.
دىگەنلىرى ئاچچىق-چۈچۈك غورىسىدەك،
پوچىلارنى ئۇنتۇپ كىتەي ساۋاب بۇلا.
ئۆز قىلمىشى ئۆزلىرىگە تەن-دۇرۇستەك،
ئۆزگىنىنى گەپ چۈشەنمەس دۆت ئۇرۇستەك.
يىغلاپ تۇرۇپ ئىچكەن قەسەم خۇددى راستەك،
ساختىپەزنى ئۇنتۇپ كىتەي ساۋاب بۇلا.
2016-9-3
پـــــــــــــــــــــــــــــــــەرى
143 قېتىم كۆرۈلدى | pariii | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-9-18 0:48:36 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|