بارمۇ ؟
گۈلنىگار مەترۇزى
بولمىسا كۈلكەڭ ماڭا بۇ ھاياتتا زوق بارمۇ ،
سەن ئۈچۈن ئارامى جان ،سەندىن ئۆزگە يار بارمۇ ؟
بولمىسا گەر چۈشلىرىمدە، كىلىشكەن شۇ قامىتىڭ ،
نىگار ئۈچۈن زۇلمەت تۈندە ، ھەمراھلىققا سەن بارمۇ ؟
تېگىشمەيدۇ بىر سۆزىڭنى، مال دۇنياغا كۆڭۈل ،
نىگار يىغلاپ غېرىپ بولسا ، بەزلەيدىغان سۆز بارمۇ ؟
ئۆتتى باشتىن تالاي ئىشلار، يۈرەكتە داغلار قالدۇرۇپ ،
توي قىلدىڭ ياتلار بىلەن ، ئاھ كۆيەرگە ئوت بارمۇ ؟
نىگار قالدى يالغۇزغىنە ، سۆيگۈ تىلەپ باغلار ئارا ،
خەق بېغىدا تۇرساڭمۇ گەر ، مېنى سۆيەرگە كۈچ بارمۇ ؟
كەتتىڭ بىراۋ يېنىغا ، قايتقىن نىگار قېشىغا ،
قىلىپ بىر كۈن ۋەدەڭنى ئادا ، قايتىپ كېلەرگە يول بارمۇ ؟
ئارزۇ ئىدىڭ نىگار ئۈچۈن ، ئەمدى ئارماندا كېتەرمەنمۇ ،
ئارمان ئۈچۈن چىدىغۇدەك ، سەنسىز تەندە روھ بارمۇ ؟
2016-2-15
| 111 قېتىم كۆرۈلدى | nigarhan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-2-17 3:31:32 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|