يامغۇر كىچىسى - ئىلياس سابىر ئاققاش
«يامغۇر كىچىسى»

ئىلياس سابىر«ئاققاش»

تىمتاس كىچە كۈتتۈم ھۆسنۈڭنى،
چىقىپ يالغۇز ئايدىڭغا نىگار.
يۈتتى تاراپ يۇلتۇزمۇ تاڭدا،
ئېلىپ كەلدى ھىدىڭنى شامال.

سۆيگۈم قالمىسۇن،دەرت-پۇشايماندا،
يار يولۇڭغا تەلمۈرۈپ كۈندە.
كۆزۈمدە ياش يىغلايمەن يالغۇز،
ساقلاپ سىنى يامغۇرلۇق تۈندە.

ئۆزگىلەرنى خالىماس كۆڭلۈم،
سۆيگۈلەرنى خارلىماس كۆڭلۈم،
قالساممۇ گەر ئەلەم ئىچىدە.

يات بولسىمۇ تەن ھامان جانغا،
يات ئەمەسقۇ ھېچكىم جاھانغا،
كەلسەڭ مەن شۇ كىچىدە.

يۈتتى بەختىم كۈيۈپ تۈتۈندەك،
ھەسرەتتە ياش ئالدى كۆزۈمنى.
ئازابىمنى بىلەلەمسەن يار؟
يامغۇر سۆيۈپ كەتسە يېشىمنى.

.2016/09/01





76 قېتىم كۆرۈلدى eliyasakkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-2 12:46:09  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ