(س) دىن سۆزلەنگەن سۆز سەنىتى <سېغىنىپ سالام>
ساۋۇت سەدەن (ئانار)
سۆيۈملۈگۈم ساجىدە سېنى سېغىنغانلىغىمدىن سېغىنىش سادالىرىمنى سامادا سايرىتىۋاتىمەن، سۆيۈملۈگۈم ساندۇقتا ساقلاپ سۆيگىدەك سەدەپتەك سۈزۈك سىپتا سۆلىتىڭ سالامەتمۇ، سېنى سېغىنىپ سەرخىل سۆزلەر سېڭىدىن سىپتا سېپايە سۆزلەر سۆزسەممۇ سالاپىتىڭنى سۈزۈك سۆزلىيەلمەيۋاتىمەن. سۆيۈملۈگۈم ساجىدە، سېنى سېغىنىپ سامادىكى سانجىق …سانجىق سوپتۇرلاردىن سېنى سورىساممۇ سوئالىمغا سادا سۇنۇلمىدى.
سۆيۈملۈگۈم ساجىدە سەن سۆيگۈنۈڭنى سېغىندۇرۇپ سازلىقتىكى سازاڭدەك سۇقۇنىۋالدىڭغۇ، سېنى سېغىنىپ سەۋدالىغىم ساراڭلىققا سىلجىدى. سەن سۆيگۈ ڭنى ساقتا سۆزدە سۈپەتلىگەنمىدىڭ.
ساڭاسۆزلەي، سۆيگۈ ساپ سۆيۈش سۆيۈلۈش سالاھىيىتىدە سۈپەتلىكتۈر ،سىماپتەك سىپىلگەن سۆيگۈ سامانلىقتىكى سېسېق ساماندەك سېسېقتۇر .
سېنى سۆيىمەن ساجىدە، سۆيگۈمنى سۇندۇرمىغىن. ساڭا سۇنغان سۆيگۈم سەندەلدەك سۈپەتلىكتۇر ، سېنى سېغىنىپ سالام سۇنغان ، سۆيگۈڭ سەۋەبىدىن ساراڭ سانالغان، سابىر سادىقتىن سالام ، سالىمىڭنى ساقلايمەن ساجىدە .
سىنتەبىرنىڭ سەككىزى سەيشەنبە سۇنۇلدى.
417 قېتىم كۆرۈلدى | ساۋۇت سەدەن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-2-2 0:07:51 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|