سېغىنغانسەنمۇ

سېغىنغانسەنمۇ

 

ئابدۇراخمان تۇنىياز

 

تىمتاس كېچە، ئويغاقمەن يالغۇز،

 تولۇن ئايمۇ مەندەك ھەم يالغۇز.

 بەلكىم سەنمۇ يار خىيالدا يالغۇز،

 مەن سېغىنغاندەك، سېغىنغانسەنمۇ.

 

 يۈرەكنى قىينايدۇ ھىجران ئازابى،

 قەلبىم مۇزلىتىپ مۇھەببەت زارى.

نىسىپ بولسىكەن ۋىسال شارابى،

 مەن سېغىنغاندەك، سېغىنغانسەنمۇ.

 

 چۈشلىرىمگە كىرگىن ئەي نىگار،

 چېھرىڭگە قىلىپ تەبەسسۇمنى يار.

 غەم-قايغۇڭنى ماڭا بىلدۈرمە زىنھار،

 مەن سېغىنغاندەك، سېغىنغانسەنمۇ.





363 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇراخمان تۇنىياز ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-27 23:56:01  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-2-3 1:41:04 muyasar
بەك ياخشى يېزىپسىز تېخىمۇ تىرىشىڭ    
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ