قايتىش
كېتەيلا، قايتىپ ئۆزۈمگە
سەن بولماق يەتمىدى لېيىم
بولالمىدىم سەن
بولالمىدىم مەن
ئەجەپ كاجكەن بىلسەم تەلىيىم.
ھېسلىرىمنىڭ گۈزەللىكىدە
جان تالىشىپ، ئۈچەر ئۆمۈىدىم.
قايتىپ كېتەي تۈنلەرگە،مەن بار.
يۇلتۇزلاردۇر بەلكىم ھۆرمىتىم.
بەخىت ئىزلەپ بولدۇم رەھىمسىز.
سۆيگۈسىزلىك چەكسىز ھۆرلۈكۈم.
توپىلىق يول، زومچەك زومچەك قار
دالالاردا يالىڭاچ يۇلغۇن
كۈتۈۋاتقاندۇر مېنى، مەن ئۆيدە
تاملاردىكى رەسىمدە سۇلغۇن.
مۇھەببەت قەبرىگە بولغاندا كىرىپ،
ۋە بەلكىم چېچەكلەر ھېسلىرىڭ جىم جىم.
سەن بەختنىڭ بىر يۇتۇم چېيى.
بول بەختلىك ئاقمىسۇن يېشىڭ.
خەيرى…
ئۆزۈم ئاچقان يولدىن-
مىسكىنلىككە پېتىپ قايتتىم
سۆيگۈسىنى قۇش چوقۇلىغان-
ئارمانلاردا يېنىپ، قايتتىم
ئېسەنكىرەش،چۆچۈش ھالىدا
قىزىللىققا تولغان كۈزۈمدە-
قىيالماي ئارقامغا بېقىپ قايتتىم
تەلمۈرۈپ كۆزۈڭگە مۇھەببەت سوراپ
بورانلىق توزاندەك توزۇپ قايتتىم
قاقاسلىقتەك قۇرۇپ چاڭقىغان-
پىنھانىمغا ئۈنسىز،قايتتىم…
تۇنجى قېتىم ئۇچقان سۆيگۈنىڭ-
سۇنۇقى بولۇپ قانىتىدە…
… قايتتىم!
مىسران
30 قېتىم كۆرۈلدى | missran | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-8-7 1:21:09 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|