زىمىن شەيدالىقى

         زىمىن شەيدالىقى (غەزەل)
                      رامىلە ھامۇت خەندانە

چىچەك  لىۋەن ،چىچەك سېھىر،چېچەك دىللارغا زىلزىلە،
قەلىپ  زوقى،ھايات ئىشقى،بەخىت ئۇندا نامايەندە.

سېرىنگۈل ۋە چېچەك ھېدى كۆڭۈللەر ئەيلىگەي تەسلىم،
بەھىر ئۈچۈن ئەجىر قەيتتۇر،ئىنسان مىھنەتتە مەردانە.

ئىنسان مىھنەتتە مەردانە،ئۇلۇغلار شامى قىبلىگاھ ،
"بەخىت ماڭلاي ئارا تەردۇر"روھىغا مەشئەل دۇردانە.

بەخىت مىھنەت،بەخىت ئەجىر،بەخىت مەۋجۈدىيەت ساقلىق،
تۈمەن چەشمە،سىرۇ-ھېكمەت،چىچەك چېھرىدە جەۋلانە.

چىچەك چېھرىدە جەۋلانە،ھىدى ئەنبەردە  مۆجىزە،
يىتۈكلۈكتە كامال روھلار زىمىنغا  بولسا شەيدانە.
            2017-يىل 23-ئاپرىل(غۇلجا)
     

مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار :2041420589






52 قېتىم كۆرۈلدى handana ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-12 23:35:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ