‏ئەركەك بولساڭ تاشلا زەھەرنى

 ‏ئەركەك بولساڭ  تاشلا زەھەرنى

 

www.yazghuqilar.com

 

ئىچ ئاغرىتقىن ھاياتىڭغا تاشلا زەھەرنى,

 ‏نابۇت قىلما ئائىلەڭنى تاشلا زەھەرنى.

 ‏نىمە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ ئۇ نىجىس ساڭا ,

‏ۋاقتى كەلسە رەھىمسىز ئۇ ئالار جېنىڭنى.

 

 ‏ ‏كۈندە جىدەل ئائىلەڭدە زېرىكمىدىڭمۇ،

 ‏ئەتراپتىكى كىشىلەردىن ئۇيالمىدىڭمۇ.

 ‏ھاياتىڭنىڭ كۆيۈۋاتقىنىنى سېزەلمىدىڭمۇ،

 ‏ئەركەك بولساڭ ۋىجدان بىلەن تاشلا زەھەرنى.

 

 ‏ ‏دۇنيادا كۆپ ئۇندىن تاتلىق شېرىن نەرسىلەر،

 ‏نىچۈن خۇمار بولۇپ قالدىڭ ئۇ نىجىسقا سەن.

 ‏ساڭا قاراپ ئېچىنىدۇ نۇرغۇن يۈرەكلەر،

 سۆيۈندۈرگىن يۈرەكنى سەن تاشلا زەھەرنى.‏ ‏

 

 ئەل-ئاغىنە،دوس- بۇرادەر،قېرىنداشلىرىڭ،

 ‏قىلار ساڭا ھەربىر كۆرسە بىر باب نەسىھەت.

‏شۇلارنى ھەم ئويلاپ قويغىن ئەي نادان ئىنسان،

 ‏ئەتراپتىكى كىشلەرگە ھەم كۆرۈنمىگىن سەت.

 

 ‏ ‏كېلىشمەسلىك كېلىپ قالسا «قېتىپتۇ»دەيدۇ،

 ‏ئول نائەھلى ئۆز بېشىغا «چىقىپتۇ»دەيدۇ.

 ‏بۈيۈك ئەۋلاد بىر جەمەدنى ئېزىپتۇ دەيدۇ،

 ‏قالما قارغىش-تۆھمەتكە سەن تاشلا زەھەرنى.

 

 ‏ ‏بۇ قىزىڭنىڭ ساڭا يازغان ئىلتىجاسىدۇر،

 ‏ئاتا-ئانا،خوتۇن-بالاڭنىڭ دىلنىداسىدۇر.

 ‏ئاشۇ ئوماق ئوغلۇڭنىڭ ھەم ئىنتىزارسىدۇر،

 ‏خۇش كۈلدۈرگىن ئائىلەڭنى تاشلا زەھەرنى. ‏

 

يازغۇچىلار تورىدىن مەجنۇنتال يازمىسى ‏





233 قېتىم كۆرۈلدى Majnuntal ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-20 0:08:40  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ