مۇھەببەت ئازابى
مۇسا تۇرسۇن (ياشراق) مارالبېشدىن
سۆيگۈمنى ساڭا ئاتىغان جانانىم ،
ئازاپلار ئىلكىدە يۇرۇيمەن تەنھا .
سەن يۇرۇيسەن ھەيھات شۇنچىلىك خۇشال ،
مەن يۇرۇيمەن گويا مۇردىدەك ھەتتا .
بىر كۈن ئازاپلىرىم يەتكەندە ساڭا ،
سەنمۇ شۇنى بىر چاغ بىلىپ قالارسەن .
سېنىڭ ئۇچۇن كۆيگەن يۈرەكنى پەقەت ،
ھەي ئىسىت ، ھەي ئاپلا دەپلا قالارسەن .
ئۇمۇتسىز يۇرمەيمەن ، يەنە مەغرۇر مەن ،
بىر كۈن قۇنار ماڭىمۇ بەخىتنىڭ قۇشى .
بىلگىن يىتەر ساڭىمۇ مېنىڭ زارىم ،
سەن ئىدىڭغۇ يار بۇ كۆڭلۇمنىڭ خۇشى .
پۇچلانسا بۇ يۈركۇم ئىشقى -ئۇتۇڭدا،
قارايسەن بەزىدە شۇنچە بىپەرۋا .
ئۆزگە باشقىغا باقمايدۇ بۇ كۆڭلۈم ،
نىمانچە بەك جاھىل ، نىمانچە تەرسا .
مۇھەببەت ئازابى پەلەككە يەتسە ،
كۆيۇپ بۇ تەنلرىم كۇل بۇپ كىتەرمۇ .
سېغىنىپ يار سېنى ، تەشنا بۇپ كۇتۇپ ،
كۇنلىرىم پەرىشان ، دەتتە ئۇتەرمۇ .
| 141 قېتىم كۆرۈلدى | مۇسا تۇرسۇن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-13 13:11:21 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|