كۆڭۈل ئ‍ۆزى

قەلىپنىڭ ئ‍ۆزى

 

قەلىپنىڭ ئ‍ۆزى ئ‍ىكەن بىر دۆلەت،

 ياراشماس ئ‍اڭا چوڭچىلىق سۆلەت .

 تاپقۇزاي دېسەڭ ئ‍وبدان كامالەت ،

 مۇلايىم ياشاپ قىلغىن كاپالەت .

 

 قەلىپنىڭ ئ‍ۆزى ئ‍ىكەن بىر دۇنيا ،

 چىقمىسۇن ئ‍ىچرە ئ‍ىغۋا- پەتىۋا .

 ئ‍ۆتكۈم بار دېسەڭ شۇنداق ئ‍ەتىۋا،

 ۋېجدانلىق بولغىن ، ياشىغىن كاتتا.

 

 قەلىپنىڭ ئ‍ۆزى ئ‍ىكەن بىر گۆھەر،

 چېقىلسا ئ‍ەگەر قىممىتى ئ‍ۆچەر.

 ئ‍ىچى- تېشىمۇ بولمىسۇن زەھەر،

 ئ‍ەل ھۆكىمى ھەق ،قەدرى بىلىنەر.

 

 قەلىپنىڭ ئ‍ۆزى ئ‍ىكەن بىر قەلەم ،

 ھاياتقا يازار خوشلۇق ھەم ئ‍ەلەم.

 خوشاللىقىدىن گەر كۈلسە ئ‍الەم ،

 ئ‍ەلەملىرىدىن تۇتىلار ماتەم .

 

 قەلىپنىڭ ئ‍ۆزى ئ‍ىكەن بىر قۈياش،

 نۇرلىرى يورۇق ئ‍ىللىقى ئ‍اتەش.

سىرلىرى غايىپ كىملىرى مۇڭداش،

 مىسالدۇر قۇياش، ۋاپادار ئ‍اداش.

 

مەممەتجان يىمىت مەنزىلىم ~سەن





230 قېتىم كۆرۈلدى مەممەتجان يىمىت ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-13 2:49:50  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-12-14 2:06:04 ئ‍ويغان
مەزمۇنى ياخشىكەن ،مەن ياقتۇردۇم
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ